UYNTV

قۇياش سىستېمىسىدا مۇز پىلانېتا بولۇشى مۇمكىن

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:11-04-2016 17:14

   چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېيتسارىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ‹‹ئاسترونومىيە ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى›› ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، قۇياش سىستېمىسىدا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان توققۇزىنچى پىلانېتانىڭ ھالىتىنى بايان قىلغان.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئالىملىرى بۇ يىل يانۋاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ يىراق چېگرا قىسمىدا توققۇزىنچى پىلانېتانىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  مۇتەخەسسىسلەر بۇ پىلانېتانى بىۋاسىتە كۆزىتەلمىگەن، بەلكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت ئوربېتىسى ئۆزگىرىشى ئارقىلىق بۇ پىلانېتانىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

  ئامېرىكا ئالىملىرى يۇقىرىقى خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېسكوپلار بۇ پىلانېتانى چىڭ تۇتۇپ ئىزدەشكە كىرىشكەن.

  شىۋېيتسارىيە بېرن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار كومپيۇتېر تەقلىدىي ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بۇ پىلانېتانىڭ ئۆلچىمى، تېمپېراتۇرىسى ۋە تەركىبىنى كونكرېت مۆلچەرلەپ چىققان.

  ئۇلارنىڭ خۇلاسىلىشىچە، بۇ پىلانېتا بىر مۇز پىلانېتا بولۇپ، سىرتقى قاتلىمى ھىدروگېن ۋە گېلىي بىلەن قاپلانغان.

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئالىملىرىنىڭ ئىلگىرى بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلانىتا ماسسىسى يەر شارىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

  شىۋېيتسارىيە بېرن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ پىلانېتانىڭ دىيامېتىرى يەر شارىنىڭ 7.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 226 سېلتسىيە گىرادۇس ئىكەن.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ