UYNTV

شىنجاڭ بارىكۆل كۆلى ساياھەتچىلەرنى ھەقسىز كۈتۈۋالدى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:17-06-2016 12:03

 

    جۇڭگو ئاخبارات تورى بارىكۆل 15- ئىيۇن تېلېگراممىسى: قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتو كىيىۋالغان ئارتىسلار بىلىگە بەلباغ باغلاپ، بەللىرىنى ئىگىپ  بۈركۈتنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلغان ھەرىكىتىنى دوراپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى. 15-ئىيۇن شىنجاڭ بارىكۆل ناھىيەسىدىكى كۆل بويىدا قازاق مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ئەكس ئەتكەن نومۇرلار ئورۇندىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

     ھەر يىلى 5- ئايدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك مەزگىلى باشلىنىدۇ. شىنجاڭ بارىكۆل ناھىيەسى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇرلارنى تەييارلىدى ھەمدە بۇلتۇردىن باشلاپ بارىكۆل ناھىيەسىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنى قايتىدىن ياساپ، ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋەتتى.

    بارىكۆل كۆلى قەدىمدە يەنە بارىكۆل دېڭىزى دەپ ئاتالغان بولۇپ، شىنجاڭ بارىكۆل ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان ئېگىزلىكتىكى كۆل، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1585 مېتىر، تۆت ئەتراپىدا تاغ تىزمىلىرى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.

 
 
خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ