UYNTV

16 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم ___ ‹‹تارىم دەرياسى›› ھەققىدە

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:17-06-2016 11:19

    2016-يىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، دۆلەتلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئاخبات-نەشرىيات باش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە 16 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم ___ ‹‹تارىم دەرياسى››نى سوۋغا سۈپىتىدە پىلانلاپ ئىشلىدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىلومېتىردەك يول يۈرۈپ، تاغ-داۋانلار ئېشىپ، تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ دەريانى چۈشەنسىڭىزلا، شىنجاڭنى چۈشىنەلەيسىز.

    16 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم ___ ‹‹تارىم دەرياسى››دا  تارىم دەرياسى باش تېما قىلىنىپ، دەريا بويىدىكى ھەرخىل يەر قىياپىتى، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئالتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مىللەت، دىن قاتارلىقلاردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

    بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ھەركۈنى كەچ سائەت 22:15 تە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ  قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

 
 
خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ