UYNTV

ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن قايتا ئۇچراشتى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:17-06-2016 11:25

  

    دالىيەن شەھەرلىك 20- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قايتا ئۇچرىشىش ئالماشتۇرۇش يىغىنى 13-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 80 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى  يىغىلىشقا قاتناشقان.

    ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش تارمىقىدا ئىشلەۋاتقان، 2004- يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى يالقۇنجان يۇنۇس مۇنداق دېدى:  بۇ مەكتەپتە تۆت يىل ئوقۇدۇم، مەكتەپكە بىر بېرىپ كېلىشنى تولىمۇ ئويلايمەن.

    ئىگىلىنىشىچە، دالىيەن شەھەرلىك 20- ئوتتۇرا مەكتەپ 2000- يىلدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى قىلىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ بۇرۇن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان 13 مەكتەپنىڭ بىرى.  بۇ مەكتەپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 1879 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىگەن، ھازىر 450 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە 880 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى ھۆكۈمەت، مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەتقىقات ئورنى، كارخانا قاتارلىق ھەر قايسى تارماقلاردا خىزمەتكە چۈشۈپ، شىنجاڭنى قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ