UYNTV

2016-يىللىق شىنجاڭ شىخۇ خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

تەھرىر:زۆھرە تۇرسۇن | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:27-06-2016 13:02

    قۇربانجان يۇنۇس خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى - خۇڭشىڭ مېيكەيلۇڭ 2016-يىللىق شىنجاڭ شىخۇ خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 25-ئىيۇن شىخۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان قاتناشقان ئادەم سانى شۇنداقلا چەت ئەللىك ماھىرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، كىنىيە، قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 42 نەپەر چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچى ھەمدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىگە قاتناشقان.

 

 

 

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ