UYNTV

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى ئىجادىيىتى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 01-03-2017 23:57

A-A+

1

 2017-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى ئىجادىيىتى مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مۇسابىقە دېيىلدى) نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 28-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن جەمئىي 81 كىشى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە مۇكاپاتلاندى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تارقاتقان 240 مىڭ يۈەن بىلەن تارتۇقلاندى.

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات تۈرى ماددىي بۇيۇم تۈرى ۋە لايىھە تۈرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىگە بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدال ۋە 30 نەپەر مۇنەۋۋەر نامزات تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى شىخەنزە ئۇنىۋېرستېتى، قومۇل شەھەرلىك ھۈنەر-سەنئەت كەسپى جەمئىيىتى، شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسى، شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرستېتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز ئىدارە-ئورۇنغا مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى ۋە رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتى بەرگەن.

 ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقىگە ئەسەرلەرنى توپلاشتىن تارتىپ مۇكاپات تارقىتىشقىچە بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. مۇسابىقىگە 680 ماددىي بۇيۇم تۈرىدىكى ئەسەر، 302 لايىھە تۈردىكى ئەسەر بولۇپ، جەمئىي 982 ئەسەر توپلانغان.

 مۇسابىقە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا توردا باھالاش ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ئارقىلىق يىغىندى نومۇر چىقىرىلغان بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق تور ئەھلى بۇ باھالاشقا قاتناشقان.

1

 

1

 

1

 

1

 

1

 

1