UYNTV

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاقسۇدىن ئىچكىرى ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-03-2017 18:17

A-A+

 10-مارت مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇدىكى يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر-ئاقسۇ-جېڭجۇ لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدىكەن، شۇنداقلا ئاقسۇ-ئۈرۈمچى-خاڭجۇ لىنىيەسى ۋە ئۈرۈمچى-ئاقسۇ-خوتەن لىنىيەسىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىدىكەن.

 

 جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەشقەر-ئاقسۇ-جېڭجۇ لىنىيەسى 26-مارتتىن باشلاپ ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقسۇ-قەشقەر، ئاقسۇ-جېڭجۇ لىنىيەسىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالماشمىسىمۇ بولىدىكەن. پىلان بويىچە، CZ8741 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 16:50 تە قەشقەردىن ئۇچۇپ، 17:50 تە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدىكەن، 18:55 تە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، 23:05 تە جېڭجۇغا يېتىپ بارىدىكەن (ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى)؛ CZ8742 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 8:15 تە جېڭجۇدىن يولغا چىقىپ، 13:15 تە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدىكەن، 14:25 تە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، 15:25 تە قەشقەرگە يېتىپ بارىدىكەن (ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، جۈمە كۈنى).