UYNTV

«ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئەترىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-03-2017 18:20

A-A+

1

  شىنجاڭ تورى تېلېگىراممىسى. 10-مارت ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش مەھەللىسىدە «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئەترىتىنىڭ باشلىقى مىھرىبانگۈل تۇرسۇن قول ھۇنەرۋەن بۇيۇملىرىنى خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ ساتتى.

 

  شۇ كۈنى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئەترىتى بىلەن مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاراشلىق رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چېۋەر قول پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى ۋە نەق مەيداندا خەير-ساخاۋەتكە ئاتاپ ساتتى. بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم مەھەللىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىھىر-مۇھەببەت فوندىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇشۇ مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلىنىدىكەن.