UYNTV

كالىلارنى كېكىرىپ چاقىرغۇچى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 17-03-2017 14:54

A-A+

2

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گوللاندىيەلىك بىر ئەر كېكىرىش ئارقىلىق كالىلار توپىنى جەلپ قىلالايدىكەن. 

 ئىگىلىنىشىچە ئۇنىڭ كېكىرگەن ئاۋازى ھەم ئۇزۇن، ھەم يۇقىرى بولۇپ، خۇددىي كالىلارنىڭ مۆرىشىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئۇ بىر كېكىرىپ يېراقتىكى 13 كالىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاراتقان بولۇپ، كالىلار ئۇنىڭغا ئاستا-ئاستا يېقىنلاشقان. ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى ۋىدىيوغا ئېلىۋېلىپ، ئالاقە تورىغا چىقىرىپ، داڭق چىقارغان.