UYNTV

14 ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-03-2017 16:38

A-A+

2

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك ئۆسمۈر ياشا ئاسلى ماتېماتىكىغا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، 14 يېشىدىلا نۇرغۇن رىقابەتچى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، لەستى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ ياش ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلانغان. ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «كومپيۇتېر ئادەم» دەپ ئاتالغان.

 ياشا ھازىر لەستى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا مەزكۇر مەكتەپنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ياش قورامىغا يەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىدىن دەرس بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ سەككىز يېشىدىلا دۇنيا بويىچە ماتېماتىكىدا A دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى بولغان. ئۇ باشلانغۇچنى پۈتكۈزۈپلا ئۇدۇل ئالىي مەكتەپكە بارغان. ئۇ بۇ كەسىپكە يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگىلى بارغاندا 13 ياشتا ئىدى. كەلگۈسىدە ياشا داۋاملىق پەلسەپە دوكتورلۇقىدا ئوقۇشنى پىلان قىلغان. 

2