UYNTV

94 ياشلىق مىكدونالدىس خىزمەتچىسى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 28-03-2017 16:31

A-A+

1

 چەت ئەل تاراتقۇلىرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق 94 ياشلىق موماي مىكدونالدىس تېز تاماقخانىسىدا ئۇدا 44 يىل ئىشلىگەن. كىشىلەر ئۇنىڭ يېشى ۋە سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئەمدى بۇ خىزمەتكە ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھازىرچە خىزمەتتىن توختاش ئويى يوق ئىكەن.
 ئامېرىكىلىق مارۇيىر 1973-يىلىدىن باشلاپ ئىندىئانا ئىشتاتىنىڭ ئىۋەنسىۋۇل شەھىرىدىكى مىكدونالدىس تېز تاماقخانىسىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 44 يىل بولغان.

 

 چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز خىزمىتىڭىزنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئۇ پەقەتلا بىر خىزمەت بولىدۇ خالاس، ئەمما مەن خىزمىتىمنى ياخشى كۆرىمەن، خىزمەتداشلىرىمنى، خېرىدارلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغىم كەلمەيدۇ».