UYNTV

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بىرىليانت «ھالرەڭ چولپان» شياڭگاڭدا كىمئارتۇق قىلىنىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 05-04-2017 11:07

A-A+

1

  2017-يىلى 29-مارت، داڭلىق كىمئارتۇق قىلىش ئورنى ـ شياڭگاڭ «سوھبى» 2017-يىلى باھار پەسىللىك كىمئارتۇق قىلىش يىغىنى «كۆركەم ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە يېشىل تاش زىننەت بۇيۇملىرى»نىڭ مەخسۇس مەيدانلىق تاراتقۇلار يېپىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، يىغىندا نۇقتىلىق كىمئارتۇق قىلىنغان «ھالرەڭ چولپان» ئەڭ دىققەت-ئېتىبارنى تارتتى، ئۇنىڭ كىمئارتۇق مۆلچەر باھاسى 468 مىليون شياڭگاڭ دوللىرى (تەخمىنەن 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، 4-مارت شياڭگاڭدا كىمئارتۇق قىلىنىدۇ. 

 

   «ھالرەڭ چولپان» ــ ئېغىرلىقى 59.60 كاراتلىق، سوقىچاق، ئىچىدە ھېچقانداق داغ يوق ھالرەڭ ئالماس بولۇپ، 1999-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىن قېزىۋېلىنغان، پىششىقلاپ ئىشلەشكىلا ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەن. ئامېرىكا ياقۇت ئىنىستىتۇتى 2016-يىلى ئاپرېلدا «ھالرەڭ چولپان»نى داغسىز ياكى ئىچكى قىسمى داغسىز ھالرەڭ ئالماسلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى، دەپ بېكىتكەن، ئۇنىڭ رەڭگى ۋە ساپلىق دەرىجىسى بىردەك ھالدا ھالرەڭ ئالماسلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ، خىمىيەلىك تەركىبىمۇ ئەڭ ساپ دەرىجىدە، دەپ باھالانغان.