UYNTV

«ھالاكەت مارافونى»

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-04-2017 12:22

A-A+

1

 ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەھرايى كەبىر مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى يەنە «ھالاكەت مارافونى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قاتناشقان ماھىرلار چىدىغۇسىز ئسسىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىدىكەن.    
 يېقىندا سەھرايى كەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاينام-تاشقىنلىقتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار جابدۇقلىرنى يۈدۈپ، ماراكەشتىكى مۇھىتى ئەڭ ناچار سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتكەن. ماھىرلار تەخمىنەن 50 گىرادۇس كېلىدىغان يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا چېگرىسى يوق قۇملۇقتا ئالغا ئىلگىرىلىگەن.

 

 ئىگىلىنىشىچە، سەھرايى كەبىر مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 250 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ مۇسابىقە بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر 13 مىليون ماھىر بۇ مۇسابىقىدە ئۆزىنى تاۋلىغان.