UYNTV

ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II ئايىغىنى قانداق يۇمشىتىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 14-04-2017 12:19

A-A+

1

 يېڭى ئاياغ كىيگەندە، بولۇپمۇ خۇرۇم ئاياغ كىيگەندە كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى ئاياغنىڭ پۇتنى غاجىشى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II مەخسۇس ئادەم تېپىپ ئايىغىنى بىر نەچچە كۈن كىيگۈزۈپ، يۇمشىغاندىن كېيىن ئۆزى كىيىدىكەن.

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئايال پادىشاھ ئاياغقا پېتەك قويۇش ياكى ئاياغنى يۇمشىتىدىغان ئەپچىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا قارىغاندا مەخسۇس بىرەيلەنگە بىر نەچچە كۈن كىيگۈزۈشنى ياقتۇرىدىكەن.

 ئايال پادىشاھنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە مەسئۇل بولغىنىغا 11 يىل بولغان سىتىۋار پارۋىننىڭ ئېيتىشىچە، ئايال پادىشاھ چوقۇم ناھايىتى راھەت ئاياغ كىيىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا ئايال پادىشاھ ئاياغلىرىنى مەخسۇس بىرەيلەنگە بىر نەچچە كۈن كىيدۈرىدىكەن. شۇڭا ئايال پادىشاھ ئەزەلدىن «پۇتۇم ئاغرىدى، مەن ماڭالمىدىم» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ باقمىغان ئىكەن.

 

 ئايال پادىشاھ ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ئاياغ دۇكىنى Anello and Davide نىڭ ئاياغلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ماركىدىكى ئاياغلارنىڭ بىر جۈپى تەخمىنەن 8612 يۈەنگە باراۋەر ئىكەن.