UYNTV

جىگەر قېتىش كېسەللىكى بىمارلىرى ئاشقازان قاناشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ؟

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-04-2017 16:54

A-A+

 

1

 

  جىگەرنىڭ قاپقا ۋېناسى ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەن بۆلىكى ۋە ئۈچەي يولىنىڭ ۋېنا تومۇردىن چىققان قاننى قوبۇل قىلىدۇ. جىگەر قاتقاندىن كېيىن جىگەردىكى ۋېنا سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. جىگەر قېتىش كېسەللىكى بىمارلىرى ھەزىم قىلىش يولى قاناشقا تاقابىل تۇرۇشتا مۇنداق تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

    1. يىرىك، قاتتىق يېمەكلىلەرنى يېمەسلىك. ئاشقازان ئاستى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ۋېنا تومۇر كېڭەيتىپ كەتكەندىن كېيىن، سىرتقى يۈزىنى نېپىز بىر قەۋەت شىلىمشىق پەردىلا ئوراپ تۇرىدۇ. يىرىك ۋە قاتتىق يېمەكلىكلەر بۇ نېپىز پەردىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا جىگەر قېتىش كېسەللىك بىمارلىرى قاتتىق، يىرىك، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، يۇمشاق، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى دۈملەپ يېيىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك.

    2. كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش. كۈچلۈك ھەرىكەت تومۇرنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان ئاستى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ۋېنا تومۇرنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، يىراققا، ئېگىزگە سەكرەشتەك تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتناشماسلىقى كېرەك.

    3. كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش. كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى سمپاتىك نېرۋىلارنى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇرلارنىڭ بېسىمى تېزلىكتە ئارتىپ، قاتناش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا جىگەر قېتىش كېسەللىك بىمارلىرى كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق ھاياجانلىنىش ۋە تەشۋىشلىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

    4. دورىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش. جىگەر قېتىش كېسەللىك بىمارلىرى قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىكى، ئاشقازان دورىلىرى ۋە قاننى جانلاندۇرىدىغان دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك .

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى