UYNTV

2017-يىللىق شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى بۈگۈندىن باشلاپ بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-04-2017 11:21

A-A+

  22-ئاپرېل ئېلىنىدىغان شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، ئىلگىرى يىللاردا ھەمىشە بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى بېسىپ چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىمتىھان پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغان.

   شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ يىل «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى 18-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېسىپ چىقىرىۋېلىشى لازىم. بولمىسا، ئىمتىھان سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى بېسىپ چىقىرىش بەلگىلەنگەن ۋاقتى ئىچىدە، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتىگە كىرىپ، «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. بېسىش جەريانىدا بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا مەمۇرلار ئىمتىھان ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.