UYNTV

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ياردەم بەرگۈچى سودىگىرى خەيشىن گۇرۇھى دۇنيا لوڭقىسى تېلېۋىزورىنى بازارغا سالماقچى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 21-04-2017 16:57

A-A+

1

 ئىككى ھەپتە بۇرۇن، رەسمىي ھالدا 2018-يىللىق روسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ياردەم بەرگۈچى سودىگىرى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى خەيشىن 20-ئاپرىل بېيجىڭدا دۇنيا لوڭقىسى ھۆكۈمەت تەرەپ بېكىتكەن تېلېۋىزورىنى بازارغا سالدى.

  خەيشىن گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ليۇ خۇڭشىننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ تۈردىكى «جۇلالىق يۈرۈشلۈكلەر» تېمىسىدىكىULED ئالاھىدە سۈزۈك تېلېۋىزور مەخسۇس دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، تاشقى لايىھەلىنىشى، كۆرسىتىش سۈپىتى، ئاۋاز سۈپىتى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق تۇيغۇ جەھەتتە خەيشىننىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى قوللىنىلغان، بۇ تېلېۋىزور جۇڭگودا سېتىلىشتىن سىرت، يەنە ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق 30نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردا سېتىلىدىكەن.