UYNTV

ئانا ئۇلۇغ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-05-2017 16:20

A-A+

ن

 يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فوتوگراف ئاۋىناش لودخى ھىندىستاننىڭ جابالپۇردا بىر ئانا مايمۇننىڭ بالا مايمۇننى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. بەختكە يارىشا، كىچىك مايمۇن تېز سۈرئەتتە ھىندىستاننىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان، دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئاستىدا، كىچىك مايمۇن پۈتۈنلەي ساقايغان.

 ئاۋىناش: «بۇ سۈرەتنى تارتىۋاتقىنىمدا نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدىم، بۇ سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. كەسپىي ھاياتىمدا ئەزەلدىن بۇنداق كۆرۈنۈشكە يولۇقۇپ باقمىغان ئىدىم، ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئادەملەرگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جانلىقلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم» دېدى.