UYNTV

ئىقتىسادچىل ئانىنىڭ كىيىم ئۆزگەرتىشى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-05-2017 15:33

A-A+

1

يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇتا ئىشتاتى تۇز كۆلى شەھىرىدىكى بىر ئىقتىسادچىل ئانا سەيپۇڭلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ كونا كىيىملىرىنى كېسىپ، قىزى ئۈچۈن مودا كىيىمى تىكىپ بېرىدىكەن، ھەتتا توي كۆينىكىنىمۇ ناھايىتى نەپىس كىيىمگە ئۆزگەرتكەن.
 سارا تايۇ ئانا بولغاندىن سىرت، يەنە داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى مودېلى ئىكەن. ئۆتكەن ئالتە يىلدا سارا كونا كىيىمنى يېڭى كىيىمگە ئۆزگەرتىشتە ئىزچىل ئىزدەنگەن. ئۇ كونا كىيىم ۋە ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى كىيىمنىڭ سۈرىتىنى تورغا چىقارغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.