UYNTV

ھىندىستانلىق بالا «ئاپتوموبىل ئاستىدا مۇز تېيىلىش» تۈرىدە يېڭى رېكورت ياراتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-05-2017 15:40

A-A+

1

 يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-مايدىكى خەۋرىگە قارىغاندا، يېقىندا ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مانىپۇر ئۆلكىسىدە 9 ياشلىق ئوغۇل تىلاك «ئاپتوموبىل ئاستىدا مۇز تېيىلىش» تۈرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، 56.01 سېكۇنتتا 146 توسۇقتىن ئۆتۇپ، 145 مېتىر ئارىلىققا تېيىلىپ، يېڭى جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
 كىچىك تىلاك بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپ مۇز تېيىلىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئۆقۇۋېتىپتۇ.
 ھازىرغا قەدەر تىلاك ھىندىستاندا نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىكەن بولۇپ، ئۇ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ قازىنىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.