UYNTV

سەنۇبەر تۇرسۇن بېيجىڭدا مۇزىكا پېشۋالىرى بىلەن بىرگە نومۇر كۆرسەتتى

تەھرىر : 艾斯凯尔·艾尼万 | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 17-05-2017 14:04

A-A+


    ئۆز مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر خەۋەر قىلىدۇ: دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئابىدىلىك كاتتا مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، دۇنيانىڭ دىققىتى جۇڭگوغا، جۈملىدىن پايتەختىمىز بېيجىڭغا تىكىلگەن ئۆچمەس تارىخى پەيتلەردە، يەنى 14-ماي بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا، خەلقىمىزنىڭ تالانتلىق ناخشىچىسى، ئىجتىھاتلىق كومپوزىتورى سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم دۇنياغا مەشھۇر پىپا چالغۇچىسى ۋۇ مەن خانىم، خەلقئارالىق سەنئەتكار، دۇتار ماھىرى سىروجىدىن جۈروف ۋە خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق داپ ماھىرى ئاندىرى پىچىس ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە پايتەختىمىز بېيجىڭغا كېلىپ، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. «چېگرا رايون ــ ۋۇ مەن ۋە يىپەك يولى مۇزىكا پېشۋالىرى» تېمىسىدىكى بۇ كېچىلىك بېيجىڭ تيەنچياۋ سەنئەت مەركىزىدە ئىككى سائەت قىزغىن داۋاملىشىپ، مىللىي چالغۇلارنىڭ دۇنيا مۇزىكىچىلىقىدىكى يۈكسەك ئورنىنى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك تاماشىبىنلارغا ھېس قىلدۇردى.

.


بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ باش «پېرسوناژ» ى بولغان، ۋۇ مەن خانىم دۇنياغا داڭلىق پىپا (چالغۇ) ماھىرى، مائارىپشۇناس، شۇنداقلا مۇزىكانت بولۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار ئۇنىڭ مۇزىكا تالانتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغان. جۈملىدىن، «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» ئىلگىرى: ۋۇ مەن پىپا چالغۇسىنى غەرب دۇنياسىغا تونۇشتۇرغان ئەڭ مۇھىم سەنئەتكار» دەپ باھا بەرگەن. ۋۇ مەن 27 يىللىق مۇزىكا ھاياتىدا دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات سانىلىدىغان گراممىي مۇكاپاتىغا يەتتە قېتىم ئېرىشكەن. 1998 – يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭلىسى جۇ روڭجى ئامېرىكىغا زىيارەتكە چىققاندا، ۋۇ مەن كىلىنتون ئەر – خوتۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئاقسارايدا مۇزىكا ئورۇنداپ، ئاقسارايدا نومۇر كۆرسەتكەن تارىختىكى تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالغان. نىيۇيوركتىكى كارنىگ مۇزىكا كونسېرتى ئۇنىڭغا: «ۋۇ مەن بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئادەم قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالالايدىغان مۇزىكانتلارنىڭ بىرى» دېگەن يۈكسەك باھانى بەرگەن.
ۋۇ مەن بۇ قېتىملىق مۇزىكا پېشۋالىرىنىڭ بىرلىشىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە ئىتالىيە، تاجىكىستان، جۇڭگو شىنجاڭ قاتارلىق يىپەك يولىغا جايلاشقان رايونلاردىكى ئەڭ داڭلىق سەنئەتكارلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان.
بۇ كېچىلىكنىڭ ئەزاسى، تاجىكىستانلىق دۇتار ماھىرى سىروجىدىن جۈروف (Sirojiddin Juraev) خەلقئاراغا مەشھۇر سەنئەتكار بولۇپ، دائىم ياۋروپا ئەللىرىدە ئويۇن قويىدۇ. ئۇ ئىلگىرى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىگە جايلاشقان دۈشەنبە دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن. مۇزىكىغا ھەۋەس قىلىدىغان ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك چالالايدىغان، قولغا يېقىن چالغۇ دۇتارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىش ئارقىلىق كاتتا شەرەپلەرگە نائىل بولۇۋاتقان سىروجىدىننىڭ مۇزىكا ھاياتى ئۇيغۇر مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئىلھام بەخش ئەتكۈسى، ئەلۋەتتە.
بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ يەنە بىر ئەزاسى ئاندىرى پىچىس (Andrea Piccioni) بولسا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى باشلانغان سېھىرلىك ماكان ئىتالىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى رامكىلىق داپ چالغۇچىنىڭ بىرىدۇر.
بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ بىرى، سۆيۈملۈك سەنئەتكارىمىز سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرى ئېيتىشنى ھەمدە دۇتار چېلىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ مەركىزىي مۇزىكا ئىنستىتۇتى، شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى ئەل مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ھەمدە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.