UYNTV

بۇ يىل شىنجاڭدا 22 مىڭ 972 نەپەر باشلانغۇچ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-05-2017 11:52

A-A+

چ

 

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 15-ماي، ئاپتونوم رايون تارقاتقان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا، جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى تارقىتىلدى. سىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ ئۇچۇر سىز ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ئالاھىدە ئىش ئورنىغا 19 مىڭ 182 نەپەر خىزمەتچى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە 3790 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

    تىزىملىتىش ۋاقتى 15-ماي سائەت 16:00دىن 21-ماي سائەت 18:00گىچە، يازما ئىمتىھان ۋاقتى 18-ئىيۇن بولۇپ، نەتىجە 4-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدىكەن.