UYNTV

ئۈرۈمچىدە خەلقئارالاشقان داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 18-05-2017 11:49

A-A+

1

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 16-ماي تونۇشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  مۇخبىرىمىزنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارالاشقان داۋالاش مۇلازىمەت دوختۇرخانىلىرى توپى، خەلقئارالىق ئەمەلىي گەۋدە دوختۇرخانا، تەربىيەلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەخسۇس بۆلۈم ماركىسى، ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قاتارلىق تۈرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق، داۋالاش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بىمارلارغا نەپ يەتكۈزىدىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، «بەش چوڭ مەركەز» شىنجاڭ «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق مەركەز قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، داۋالاش مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى رايون ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، داۋالاش ئاساسى ۋە سىياسىي پۇرسەت ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدىكى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرىدىكەن.