UYNTV

مۇزىكىلىق تىياتىر «شۈەنزاڭنىڭ غەرب ساياھىتى»نى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

تەھرىر : 艾斯凯尔·艾尼万 | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-06-2017 17:55

A-A+

 

 

    چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «شۈەنزاڭنىڭ غەرب ساياھىتى» نى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى 9 – ئىيۇن بېيجىڭ تيەنچاۋ تىياتىرخانىسىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە يۈزلىگەن تاماشىبىن، مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، مۇتەخەسىس ۋە رەھبەر كېچىلىكنى كۆردى. كېچىلىكتە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك، ھىندى قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان ئارتىسلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلدى.
بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر مەركىزىي مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىرى بولۇپ، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىردا تاڭ راھىبى شۈەنزاڭ، يەنى تاڭسېڭنىڭ غەربكە نومغا بېرىش جەريانىدا ئۇچراتقان خىلمۇخىل مەدەنىيەتلىرىگۈزەل مۇزىكىلىق تىل ئارقىلىقئىپادىلەپ بېرىلگەن.

. «شۈەنزاڭنىڭ غەرب ساياھىتى» ناملىق بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر دۆلىتىمىز ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستىراتىگىيەسىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش، شۇەنزاڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى رايونلارغا، جۈملىدىن شىنجاڭ، ھىندىستان قاتارلىق رايونلارغا بولغان ساياھىتىنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈزەل مۇزىكا، ناخشا – ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
  بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ رېژىسسورى جياڭ باۋ ئەسەر مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش، رېئاللىققا يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنى شىنجاڭغا ئاپىرىپ مەخسۇس تۇرمۇش ئۆگەتكەن. ئۇلار تۇرپان، قۇمۇل، لوپنۇر، كۇچا، مەكىت، يەكەن، قەشقەر، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس تۇرمۇش ئۆگىنىش ئارقىلىق شۈەنزاڭنىڭ ئەينى دەۋردىكى غەربىي يۇرت، يەنى شىنجاڭ رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، شۇ جەرياندا توپلىغان تەجرىبە، ماتېرىياللىرىنى مۇزىكىلىق تىياتىرغا سىڭدۈرۋەتكەن.

. «شۈەنزاڭنىڭ غەرب ساياھىتى» ناملىق بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرغا ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان 30 غا يېقىن شىنجاڭلىق مۇزىكانتلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار 29 - ماي بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، مەركىزىي مۇزىكا ئۆمىكىدىكى مۇزىكانلار بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە كۈن رېپىتىس قىلغان. ئۇلار بۇ قېتىملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنى تۇنجى قويۇش كېچىلىكىدە دۇتار، تامبۇر، غىجەك، راۋاب، داپ قاتارلىق چالغۇلار ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە زوق ۋە قىزغىن كەيپىيات ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، شۇەنزاڭ، يەنى تاڭسېڭنىڭ ئەينى دەۋردە غەربى يۇرتتا ئېلىپ بارغان ساياھەت پائالىيەتلىرىنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

.

ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر 7-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە بېيجىڭ تىيەنچاۋ تىياتىرخانىسىدا رەسمىي قويۇلغاندىن باشقا، بۇ يىل 25-دېكابىرغىچە شاڭخەي، نەنجىڭ، چۇڭچىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، جۇخەي قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلىدىكەن،كېيىنچە چەت ئەللەردىمۇ داۋاملىق قويۇلىدىكەن.

ئۆز مۇخبىرىمىز ئەسقەرجان ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى