UYNTV

كېلەر ئايدىن باشلاپ شىنجاڭدىن شاڭخەيگە پويىزدا 24 سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-06-2017 16:04

A-A+

 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، پۈتكۈل مەملىكەت تۆمۈريولىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا باۋجىدىن لەنجۇغا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنايدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتاشقان دۆلەتلىك تۆمۈريول تورىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۇتىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭلىقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا بىر كۈندىلا بارالايدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 11-ئىيۇن «1-ئىيۇل» يۈرۈش خەرىتىسى ئۇچۇرىدىن ئىگىلىشىچە، خاڭجۇ، شاڭخەي، شۈجۇ، جىنەن، گۇاڭجۇ، چاڭشا ۋە ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەرگە تۇنجى رەت لەنجۇغىچە قاتنايدىغان پويىز يولغا قويۇلغان، بۇ لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىغا تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، شىنجاڭلىقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىن، يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئالمىشىپ باشقا جايلارغا بارالايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، باۋجى-لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەر ئارىسىدىكى ساياھەت ۋاقتى قىسقارتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭلىقلارنىڭ سىرتقا چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت يارىتىلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 24 سائەت ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمىدىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدىكەن.