UYNTV

رەڭگارەڭ جۇڭگونى مۇپەسسەل بايان قىلىش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 16-06-2017 15:14

A-A+

 ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى: ئۇلۇغ دەۋر بۈيۈك ھېكايىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، رەڭگارەڭ جۇڭگونى مۇپەسسەل بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

 ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەچچە يۈز پارچە سۆزى ۋە ماقالىسى ئىچىدىن ئۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى نامايان قىلىدىغان 109 پارچە ھېكايە تاللىۋېلىنغان. ھەر بىر ھېكايىدە ئەسلىي تېكىست نەقىل كەلتۈرۈلگەندىن سىرت، يەنە ‹‹كېڭەيتمە ئوقۇشلۇق›› قىستۇرۇلغان بولۇپ، ھېكايىدىكى مول مەزمۇنلاردىن ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىكى ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئىسلاھات، تەرەققىيات يولى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە يولى، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش يولىنى ھېس قىلالايدۇ.

 ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھېكايە ئېيتىشقا ماھىرلىقى ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، بۇ ھېكايىلەرگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىكى كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تو جېن مۇنداق دېدى: بىز ‹‹جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇش، دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىش››تىن ئىبارەت خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى بايان قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ يېڭى ئۇقۇمى، يېڭى كاتېگورىيەسى، يېڭى بايانىنى تىرىشىپ چۈشىنىشلىك ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى زاڭ ئەنمىن مۇنداق دېدى: ‹‹شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر›› ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭى، ئوقۇشچان، چۈشىنىشلىك بولۇپ، بىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىزدىكى ئاممىباب ئوقۇشلۇق ۋە جانلىق ماتېرىيال؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇاڭ رۇڭۋېن مۇنداق دېدى: بۇ كىتابتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساپ، ئاددىي سۆز ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى ھەم ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، پائال ئەمەلدە كۆرسىتىشتەك ئادىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈتاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، دۆلەت ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز ۋە ئۇنى ئۇرغۇتىمىز. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ داۋېي مۇنداق دېدى: بۇ كىتابنى ئۆگىنىپ، ياشلار، ئوقۇغۇچىلارنى روھىي ئوزۇقنى تولۇقلاشقا، روھىي دۇنياسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمىز.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئەمەلىي..06-15

لى كېچياڭ: مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىن..06-15

ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي..06-15

ئادەم ئەزاسىنى ئىئانە قىلىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان پىدائىيلارنىڭ سانى 270 م..06-15

ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا..06-14

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللا..06-12

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللا..06-12

خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ كۈرەش ئەترىتى، خىزمەت ئەترىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىلىك ر..06-12

ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ماس ئ..06-12

دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى ي..06-12