UYNTV

جۇڭگونىڭ كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى 1000كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقتا فوتون يەتكۈزۈشتەك دۇنياۋى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 17:26

A-A+

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. 100 كىلومېتىردىن 1000 كىلومېتىرغىچە جۇڭگونىڭ ‹‹موزى›› ناملىق كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى كىۋانتنى يېپىشتۇرۇپ تارقىتىشتا دۇنيا رېكورتىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈردى.

    ئامېرىكا ‹‹ئىلىم – پەن›› ژۇرنىلىنىڭ 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىكى سانىنىڭ مۇقاۋىسىدا ‹‹موزى›› ناملىق كىۋانت سۈنئىي ھەمراھىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئىككى دەستە نۇر تارقاتقانلىقى ئۇزۇن ئىككى پۇتنىڭ چوڭ قەدەم ئالغانلىقىغا ئوخشاپ قالدى، بۇ كىۋانت ئالاقىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشقا قاراپ چوڭ قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىلدى. ژۇرنالدا جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى تۈرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئالىمى پەن جيەنۋېي قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغانىدى.

    كىۋانتنى يېپىشتۇرۇش ناھايىتى ئالاھىدە كىۋانت مېخانىكا ھادىسىسىدۇر. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى يېپىشقاق ھالەتتىكى كىۋانت خۇددى ‹‹پىسخىكىلىق تەسىر›› بولغاندەك، مەيلى ئارىلىقى قانچە يىراق بولسۇن، بىر كىۋانتنىڭ ھالىتى ئۆزگەرسە، يەنە بىرسىنىڭمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇنى ‹‹جىن – شاياتۇنلاردەك يىراق ئارىلىق تەسىرى›› دەپ ئاتىغان.

    كىۋانتنى يېپىشتۇرۇپ تارقىتىش بىر جۈپ ‹‹تەسىر قىلىشىدىغان›› كىۋانتنى ئىككى جايغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ مەخپىي ئالاقىلىشىشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ، بۇ ئاساستىكى كىۋانت ئالاقىسى تېخنىكىسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىدىكى ‹‹ئاخىرقى قورال››، دەپ تەرىپلەنمەكتە.

    ‹‹سۈنئىي ھەمراھ ئاساسىدىكى يېپىشتۇرۇپ تارقىتىش ئارىلىقى 1200 كىلومېتىردىن ئاشتى›› دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىدە: ‹‹موزى›› ناملىق كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق يەر يۈزىگە فوتون تارقىتىلپ، ھەر بىر جۈپ يېپىشقاق ھالەتتىكى فوتوننىڭ بىرى چىڭخەيدىكى دېلىڭخا پونكىتىغا ئەۋەتىلدى، يەنە بىرى يۈننەندىكى لىجياڭ پونكىتىغا ئەۋەتىلدى، ئىككى يەر يۈزى پونكىتىنىڭ ئارىلىقى 1203 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېيىلدى.

    كىۋانت ئالاقىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈچۈن كىۋانتنى يېپىشتۇرۇپ يىراق ئارىلىقتىن تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر. لېكىن كىۋانتنى يەر يۈزىدە تارقىتىشتا مەيلى ئوپتىك تالا ياكى ئاتموسفېرا ئارقىلىق تارقىتىشتىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا سىگنال نىسبەتەن زور دەرىجىدە خورايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئىشلەنگەن يەر يۈزى سىنىقىدا تارقىتىش ئارىلىقى ئىزچىل 100 كىلومېتىر دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالغانىدى.

    ‹‹موزى›› ناملىق كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى دۇنيادىكى تۇنجى كىۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاسماندىن يەر يۈزىگە يېپىشتۇرۇپ تارقىتىش جەريانىدىكى يەتكۈزۈشنىڭ ئاجىزلىشىشى ئوخشاش ئارىلىقتىكى يەر يۈزىدە ئاجىزلىشىشنىڭ تىرىليوندىن بىرىگە توغرا كەلگەن.

    ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنسىتۇتى كاكې لىمىت كىۋانت ئۇچۇر نەزەرىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ساس لويد مۇنداق دېدى: بۇ تۈردىكى خىزمەت يېپىشتۇرۇپ تارقىتىش تېخنىكىسىدىكى ھەقىقىي بۆسۈش، بۇ تەجرىبە يىراق ئارىلىقلىق كىۋانت ئالاقىسىنى ھەقىقەتەن تېخنىكا جەھەتتىن قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار