UYNTV

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 16:46

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

 چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغانلىقىغا ئۈچ يىل بولغان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگەندى، شۇ ۋاقىتتىكى سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي تاپشۇرۇق، ئىللىق مەنزىرىنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر رىشتە باغلىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار يىغىندىن بۇرۇن ئۆزلۈكىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلدى. يىغىندا كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىق يولداشلار ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە بولغان تونۇشى ۋە تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2014 – يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئوڭۇشلۇق ۋەزىيەتتە تۇرۇپ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئېيتىلغان، سۆزنىڭ مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانى، ماركسىزملىق دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى تولۇق نامايان قىلىنغان، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە يېڭىلىق ياراتقانلىق ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە يېتەكلەيدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە ئىدىيە، ئىرادە، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ۋە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي پىرىنسىپنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەنگە ئىشىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا تەپەككۇر قىلىش، ئۆگەنگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك؛ سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىش كېرەك؛ كۆپ خىل شەكىلدىكى كەڭ دائىرىلىك ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىش، مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، مەخسۇس تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك؛ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى ھىمايە قىلىشنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى ئېتىراپ قىلىش، سىياسىي جەھەتتە يادرونى ھىمايە قىلىش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك؛ چىن كۆڭلىدىن قايتا – قايتا ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەھكەم باغلاش كېرەك؛ بۇرچقا سادىق بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيداننى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭدا تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش؛ دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيە – خەلق، ساقچى – خەلق، چېگرا ئاھالىسى بىرلەشمە مۇداپىئەسىنى يولغا قويۇپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش – تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش كېرەك.

    شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، پېڭ جيارۇي يىغىنغا قاتناشتى.