UYNTV

ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 16:50

A-A+

نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

    يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر ۋە ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن ۋە ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 100 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغان پەيتتە ئاچىدىغان يەنە بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، يىغىندا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى دۆلەت قاتلىمىدىن تەھلىل قىلىنىدۇ ۋە تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئىلمىي پىلانلىنىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بىز دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق رولىمىزنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كۈچەپ ياردەم بېرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئاكتىپلىقىمىز، ئاڭلىقلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشكە پۈتۈن كۈچ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2010 – يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچ سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن، تېخىمۇ كۈچلۈك ماسلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بالدۇرراق يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، بولۇپمۇ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۈچەپ غەلىبە قىلىپ، مائارىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇلغان يەتتە يىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان يەتتە يىل، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلغان يەتتە يىل بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما مىننەتدارلىقنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 11 مىڭ 622 كادىرنىڭ شىنجاڭغا قوشقان خالىس تۆھپىسىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ. ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەندىكى تارماقلار، ياردەم بېرىلىدىغان جايلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، بادەي يىغىنغا قاتناشتى.

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار