UYNTV

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنى 12–قېتىملىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 16:47

A-A+

    يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12 – قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى قايتا ئۆگەندى، 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىپ ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى بويىچە كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا كۈچەپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي بوشاڭلىق قىلماي، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئورۇندىشى كېرەك. ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن شەيئىلەرنى كۆزىتىپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ھەر بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش نىشان ۋە مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نۇقتىدا سىناق قىلىش پىرىنسىپىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشتەك روھ بىلەن ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار