UYNTV

شى جىنپىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو بىلەن كۆرۈشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 16:41

A-A+

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتى ۋە تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇتبول ھەرىكىتىگە كۈچلۈك، ئىزچىل مەدەت بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا ناھايىتى زور. پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ چىن مەنىسى ماھارەت مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىدىلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىنى يېتىشتۈرۈشتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پۇتبول ئىسلاھاتى ۋە ئومۇمىي تەرەققىيات لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە پۇتبول مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پۇتبول باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات قائىدىسى ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇتبول مەيدانلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ پۇتبول سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان پۇتبول مەدەنىيىتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىدىكى ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

 رەئىس شى جىنپىڭ ئىنفانتىنونىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئالقىشلىدى ھەم: جۇڭگو خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى ئاكتىپ قوللاپ، دۇنيا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى ناھايىتى كەڭ، دەپ تەكىتلىدى.

 ئىنفانتىنو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارىشى ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇتبولچىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق پۇتبول ھەرىكىتىنى پائال ئومۇملاشتۇرغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پۇتبولچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە جۇڭگو مۇھىم ھەم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونىڭ ۋە دۇنيانىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.