UYNTV

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا يارىتىلغان زور نەتىجىلەر

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 17:05

A-A+

ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئومۇمىي بايان (3)

لى لىن

    ئۈچ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا بالدۇر تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجىلەرنى ياراتتى.

    ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەندى، ئۇلۇغۋار پىلان ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غېمىنى يېدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ‹‹جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەلنى مايىل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، دەپ كۆرسەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىدا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش جەريانىدا، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

    خەلق تۇرمۇشى ئەل قەلبىگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئەل قەلبى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە باغلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈچ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قېتىملىق مۇھىم يىغىنلاردا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

    ئاپتونوم رايون 2016 – يىلى 9 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىي نىشانى توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا بالدۇر تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ھەر يىلى توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كەڭ ساھە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈش بۇرغىسى چېلىندى!

    ئۈچ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەممە جايدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى. خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

    ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكتى

    لوپ ناھىيەسىدىكى دېھقان تۇرسۇنتوختى توختىروزى بۇلتۇر سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە جىگەر قاپلىق قۇرتى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن، كېسەل بالدۇر بايقىلىپ، بالدۇر داۋالىنىلغاچقا، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالاي، دەپ قالغان تۇرسۇنتوختى توختىروزى قايتىدىن كۈچكە تولۇپ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى قىلغاندىن سىرت، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا ئىشلىگەن. تۇرسۇنتوختى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېفوندا ماڭا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئاڭلىشىمچە، 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى باشلىنىپتۇ، بەك ياخشى بوپتۇ، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن مەن يەنە سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتىمەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر 9 – ئايدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. 2017 – يىلى 2 – ئايغىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 1 مىليارد 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، جەمئىي 17 مىليون 500 مىڭ ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرتتى. بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئارقا – ئارقىدىن باشلاندى. 2 – سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 21 مىليون ئادەمگە نەپ يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ يىل شىنجاڭلىق كۆچمە نوپۇسلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

    ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇش ۋە سۈپەت ‹‹قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇش›› مەسىلىسى ئىزچىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى بوغما ھالەت بولۇپ كەلگەنىدى. شىنجاڭ بۇلتۇر 10 – ئايدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۇنجى تۈركۈمدە 3000 كادىرنى تاللاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا كەنت يەسلىلىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتتى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى بويىچە يەسلىگە ‹‹كىرىشكە تېگىشلىكى تولۇق كىرىش›› نىشانى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن، يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن بالا 434 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن، يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن بالا 340 مىڭ 200گە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يەسلىدىكى بالا 1 مىليون 600گە يەتتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يەسلىگە كىرىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

    ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىك يولى بولۇش، ھەممە ئادەم قىلىدىغانغا ئىش بولۇش، ئايلىق كىرىمى بولۇش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى خىزمەتكە نۇقتىلىق قوبۇل قىلدى.

    خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلاردا، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسى سىنالدى، ھەربىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھېسسىياتى مۇجەسسەملەندى. 2016 – يىلى مالىيەدە قىيىنچىلىق ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا ئاجرىتىلغان چىقىم ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى چىقىمىنىڭ %74.7ىنى ئىگىلىدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەمدە يولغا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

    تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل بولغۇسى

    28 ياشلىق ئاينۇر ئىمام مۇنداق دېدى: ‹‹مەن خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دادام ئاغرىپ قالدى، شۇڭا يېڭىلا ئالغان مائاشىمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بەردىم، ئانام پۇلنى ئېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ: <قىزىممۇ پۇل تاپقۇدەك بوپتۇ>، دېدى، ئۇ مەنزىرە ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ››. ئاينۇر ئىمام بۇلتۇر 2 – ئايدا قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ ‹‹مېيلىئو›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ھازىر بىر ئاددىي ئىشچىدىن سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىغا ئايلاندى، كىرىمىمۇ دەسلەپكى 1300 يۈەندىن ھازىرقى 2500 يۈەنگە يەتتى.

    ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 4 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ سان ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى يۆتكەلگەن ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ %60ىنى ئىگىلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچى ئاينۇر ئىمامغا ئوخشاش زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشلەپ، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

    مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۇلى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈكنىڭ بىرى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 5 مىليارد 667 مىليون يۈەن مەبلەغنى ‹‹ شارائىتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش›› (نامرات رايون يېزىلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى جەھەتتە ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش)قا ئىشلەتتى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ‹‹ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم››نى يولغا قويدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ ئىلگىرى سۈردى... زور سېلىنما جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بويىچە يەسلىگە تولۇق كىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى باسقۇچىدا دۆلەت ئورتاق تىلى ئوقۇتۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    ئاممىنىڭ ‹‹ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش››تىن ئىبارەت ئاددىي ئارزۇسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلققە نەپ يەتكۈزۈش زور قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختىيار، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.