UYNTV

شى جىنپىڭ كولنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى سىتېنمېئېر بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 16:40

A-A+

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كولنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى سىتېنمېئېر بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسىي نامىدا كولنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، كولنىڭ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ سىياسىيون كول ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ قايتا بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى كىشىلەر مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ. ئۇ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى ھەمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى چۈشەندى ۋە قوللىدى، جۇڭگو خەلقى بۇ كونا دوستىنى ئۇنتۇمايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو، گېرمانىيە خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كولنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋە شەخسىي نامىدا كول ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

    لى كېچياڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كول ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، شۇنداقلا جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى، ئۇ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، بىز ئۇنى ئۇنتۇمايمىز.

    لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە دوستلۇقى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.