UYNTV

مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 16:59

A-A+

چېن باۋشېڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شياۋخۇا، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن باۋشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    چېن باۋشېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، بىڭتۈەن 3 – شىسى 41 – تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە يەسلىسى، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىلىق مەركىزىي يەسلى، قەشقەر شەھەرلىك شېنجېن – قەشقەر 1 – تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق جايلاردا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەسى، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

    شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا چېن باۋشېڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. شىنجاڭ مائارىپىنىڭ بىرىنچىدىن، ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، خاسلىقى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى دەل جايىدا يولغا قويۇشىنى؛ ئىككىنچىدىن، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق تىرىشىپ، كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشىنى؛ ئۈچىنچىدىن، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىنى؛ تۆتىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان پەن ۋە كەسىپلەرنى كۆپرەك تەسىس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ.

    لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى، بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرىنى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى ۋە قوللىدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئادەم ئاساس، مائارىپ ئاچقۇچ›› دېگەن ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ‹‹مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چىقاردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ جەھەتتە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق زور دەرىجىدە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار لى شىنمىڭ بىڭتۈەننىڭ مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.