UYNTV

ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 19-06-2017 17:27

A-A+

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئومۇمىي بايان(2) 

 شى شىن

    بۇ شانلىق ئۈچ يىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن ئۈچ يىل.

    ئۈچ يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ قوماندانلىقىدا مۇقىملىقنى ئاساسلىق تۇتىدىغان ۋە ئىقتىسادنى ئاساسلىق تۇتىدىغان ئىككى رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە ئىقتىسادىي خىزمەتنى پۇختا ھەم ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭغا تايىنىۋالماسلىق، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە، ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

    ‹‹بىر باش نىشان›› مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، تەرەققىياتقا بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىندى

    ئالىي دەرىجىلىك تىۋىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىنجاڭ ‹‹بەيپىن›› توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: زاكاز مەھسۇلات كۆپ بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئۈچ يىلدا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 500 مىليون يۈەنگە، تاشقى پېرېۋوتنى 50 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈپ، 1000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار.

    ‹‹بەيپىن›› توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ نەتىجىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى.

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يىل 1 – پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDPسى 179 مىليارد 185 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان ھەم 2015 – يىلىدىن بۇيان 1 – پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان.

    ئۆتكەن ئۈچ يىلنى ئەسلىسەك، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇميۈزلۈك ئاستىلىغان ئەھۋالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم داۋاملىق بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

    كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، بۇ ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايون تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىچكى تەلەپنى چوڭقۇر ۋە توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كەينى – كەينىدىن يارقىن نۇقتىلارنى بارلىققا كەلتۈردى

    1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش، باغۋەنچىلىكنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئۇدا توققۇز يىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

    2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، نېفىتتىن باشقا سانائەتنىڭ نىسبىتىنى %69.6كە ئۆستۈرۈپ، نېفىت سانائىتىلا زور سالماقنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتتى.

    3 – كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 3 – كەسىپنىڭ نىسبىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 2 – كەسىپتىن ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %55تىن ئاشتى.

    گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش، يېڭى ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، سەرخىل جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق يەتتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %7كە يېتىپ، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلدى.

    ‹‹بىر تۇتقا›› گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاساس پۇختىلاندى

    ئىقتىسادىي ئېشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ‹‹ئۈچ كۈچ›› ئىچىدە مەبلەغ سېلىش يەنىلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاپتونوم رايون تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىپ، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %50 ئاشۇرۇشنى بېكىتتى.

    بۇ مەبلەغ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدۇ.

    قاتناش قۇرۇلۇشىنى مىسالغا ئالساق، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 5868 كىلومېتىرغا يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 1250.7 كىلومېتىر ئاشتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول 717 كىلومېتىرغا يەتتى؛ تاشيول قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 182 مىڭ 100 كىلومېتىرغا يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 16 مىڭ 200 كىلومېتىر ئاشتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 4395 كىلومېتىرغا يەتتى؛ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى 18گە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن ئىككى ئايرودۇرۇم كۆپەيدى.

    دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى %1 ئاشسا، GDP مۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئاشىدىكەن. شۇڭا، ئاپتونوم رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ باشلامچى كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىكى ‹‹بوغما ھالەت››نىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

    سېلىنمىنى %50 ئاشۇرۇش نىشان – ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ‹‹ئىش باشلاش چىڭ تۇتۇلىدىغان، مەبلەغ سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان›› چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىملىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئون چوڭ ساھە، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۈەنگىچە چۈشۈردى.

    ‹‹ۋەندا›› مەدەنىيەت كەسپى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى بەينياۋخۇ ‹‹ۋەندا›› شەھەرچىسى تۈرىنى پىلانلاشتىن تارتىپ ئىش باشلاشقىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش بېجىرىشى تولۇق نامايان قىلىندى، بىز ئۈرۈمچى بەينياۋخۇ ‹‹ۋەندا›› شەھەرچىسىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت يېڭى ماركىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە يۈزلەندۈرۈلگەن دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

    سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – پەسىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 52 مىليارد 367 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13.3 ئاشقان.

    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ شياۋ مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە شارائىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى.

    ‹‹بىر پۇرسەت››تىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىراق كەلگۈسى پىلانلاندى

    جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى گۇرۇپپىلاش مەركىزىدىن تۇنجى يولغا چىققان تاشيول، تۆمۈريول، دېڭىز يولى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى – ليەنيۈنگاڭ – يېڭى دېھلى) 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى قاتنىدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدە ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بىلەن ‹‹21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى››نى تۇتاشتۇرۇش تۇنجى قېتىم ئەمەلگە ئاشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جى مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى گۇرۇپپىلاش مەركىزىدە قۇرۇلغان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە تاشيول، تۆمۈريول، دېڭىز يولى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى، شۇنىڭدەك ھەم ‹‹كىرەلەيدىغان››، ھەم ‹‹چىقالايدىغان›› قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ دەۋرىيلىك سودا تىرانسپورتىنى شەكىللەندۈرۈش شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىلىق رولىنى، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاسىيا – ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ گۈللىنىش يولىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدەم بولدى.

    ئاپتونوم رايون ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى (2014 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› ۋە ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرى›› قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى تۈزۈپ تارقاتتى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، يادرولۇق رايون قۇردى.

    قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 20 مىليارد 774 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە چېگرادىن كىرىپ – چىققانلار 10 مىليون 880 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى.

    ھازىر شىنجاڭدا ئالاتاۋ، قەشقەر، ئۈرۈمچى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ يانداش رايونىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بار. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى دۆلەتنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى.

    شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم يەرلىك كارخانىلار ئوچۇق سۇپىدىن پايدىلىنىپ ‹‹سىرتقا چىقىپ››، دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ياخشى ساداسىنى تارقاتماقتا. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سالغان كارخانا 550كە، جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلىشىمدىكى سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 123 مىليون دوللارغا يېتىپ، تۈرلەر 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى. قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق 86 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم – چىقىم كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان راسچوت ئەمەلىي كىرىم – چىقىم 223 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى شىنجاڭغىلا تېپىلغۇسىز تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا ھەمكارلىققا قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەرگە ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار