UYNTV

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ئەدەبىي تەرجىمانلار ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى كۇرس ئاچتى

تەھرىر : 艾斯凯尔·艾尼万 | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 21-06-2017 12:07

A-A+

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ئەدەبىي تەرجىمانلار ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى كۇرس ئاچتى

(زىيارەت خاتىرىسى)
ئۆز مۇخبىرىمىز ئەسقەرجان ئەنۋەر

 

.

 

   مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى، جۇڭگو مەدەنىيەت تەرجىمە-تەتقىقات تورى، جۇڭگو تەرجىمە نەشرىياتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تېمىسىدىكى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تەرجىمە كۇرسى ھەمدە «ئەدەبىي سېلىشتۇرما قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 20-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خەنزۇ، موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق مىللەتلەردىن 50 تىن ئارتۇق يازغۇچى، تەرجىمان ۋە ئوبزورچى بۇ قېتىمقى كۇرس ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، تەرجىمانلاردىن ئازاد سۇلتان، ئەكبەر غۇلام، ئىمىن ئەھمىدى، پەرھات ئىلياس، ئەركىن ئىسھاق، ئەخمەتجان ھوشۇر، ئابلىز قاسىم، ئابلىكىم مۇئەللىم، رازىيە مۇئەللىم قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوبزورچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، داڭلىق ئوبزورچى ئازاد سۇلتان ئەپەندى مۇنداق دېدى:
ـــ مەن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىپ ناھايىتى ئىلھاملاندىم. بۇ يىغىنغان جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئەربابلار قاتنىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىزچىل ئەدەبىياتقا، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلەردۇر. مەسىلەن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن جىدىماجا ئېلىمىزدىكى داڭلىق شائىرنىڭ بىرى. بەي گېڭشېن داڭلىق نەسر يازغۇچىسى بولۇپلا قالماي، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان. بۇ يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ھەيئىتى، تونۇلغان يازغۇچى يې مېيمۇ مۇھىم  مۇتەخەسسىسنىڭ بىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىندا ئەدەبىي تەرجىمىگە ئائىت نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى سەمىمىي ھالدا، مېغىزلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
«بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن شىنجاڭغا نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. بىزگە مەلۇم، تەييارلىقى بار ئادەملەر پۇرسەت كەلگەندە تۇتالايدۇ. ئوخشاشلا تەييارلىقى بار مىللەت، پۇرسەت كەلگەندە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالغا باسالايدۇ. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا» دېگەندەك بىپەرۋا، تەييارلىقسىز ئادەملەر پۇرسەتنى تۇتالمايدۇ. ھازىرقىدەك، ئالدىمىزغا ئالتۇندەك پۇرسەت كېلىۋاتقان ۋاقىتتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە بەرگەن ياخشى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ بىز ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە خادىملىرى «بىر بەلباغ بىر يول» دەك ياخشى پۇرسەت كەلگەندە، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، ھەرقانداق مىللەتتە، تەرەققىياتقا، زامانىۋىلىققا ، ئىلغارلىققا ئىنتىلىش، شەيئىلەرگە مېھىر – مۇھەببەت بىلەن قاراش قاتارلىق قىممەت قاراشلار بولىدۇ، بىز بۇ خىل ئىلغار ئىدىيەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىزنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، «بىر بەلباغ بىر يول» دائىرىسىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
   ھازىر ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. جۈملىدىن، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ بىر چوڭ پىلانى بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان بۇ قۇرۇلۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىلدى . مەسىلەن، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىكى تەربىيەلەش ئىشلىرى، نۇقتىلىق ئەسەرلەرگە ياردەم قىلىش تۈرلىرى، ھەرقايسى مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى قاتارلىقلار. شۇجى بەي گېڭشېن بۇ قېتىملىق يىغىندا «قەلەم ھەققى ناھايىتى تۆۋەن ئەھۋالدا، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولدى» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى، بىز بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىشىمىز كېرەك. مەن يۇقىرىقى تۈرلەردە تەشكىللەش، يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم. مەن بۇ جەرياندا ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشى، چۈشىنىشى، بىرلىكتە ئالغا بېسىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئويلايمەن، ھازىر دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن ئەدەبىيات-تەتقىقات تۈرلىرى بار، ئەمما ئۇلار تەييارلىقى بار، شۇ تۈرلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك، مۇئەييەن ئەدەبىيات چۈشەنچىسىگە ئىگە، تونۇشى مەلۇم پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش دەرىجىسى چوڭقۇر كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. تەرجىمە يېرىم ئىجادىيەت، ئۇ ئەدەبىي ئەسەرنى قايتىدىن ئىجاد قىلىش جەريانىدۇر. تەرجىمە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەرجىمانلاردىن راۋان قوش تىل ئىقتىدارىدىن باشقا، مەدەنىيەت تەرەپتىن مۇئەييەن ساپا ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بازار قوغلىشىپ، قەلەم ھەققى، ئۇنۋان ياكى باشقا تامالار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەنە شۇ ئەسەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىچىگە كىرىپ، ئەجىر بىلەن تەرجىمە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

 

 

.

 

.

 


شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پىروفېسسور، ئەدەبىي تەرجىمان، شائىر ئىمىن ئەھمىدى مۇنداق دېدى:  
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكى خۇددى «بىر بەلباغ بىر يول» دېگەندەك ئەڭ دەسلەپتە يىپەك يولى بەلبېغىدىكى رايونلاردا بارلىققا كەلگەن. ئالدى بىلەن، ئەرەب، پارس تىللىرىدىكى ئەسەرلەر ياكى باشقا تىللاردىن ئەرەب، پارس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ھەتتا ئەلشىر نەۋائىينىڭ داستانلىرىمۇ نەسرىي شەكىلدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇددا نوملىرىمۇ، كومراجىۋا، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قاتارلىق تەرجىمانلار ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان.
مەن بۇ قېتىملىق يىغىن جەريانىدا، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق بولۇپ نەشر قىلىنغانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولدۇم. مېنىڭچە، بەزى ئەسەرلەرنى بىر قانچە قېتىم تەرجىمە قىلىپ بېقىش كېرەك. مەسىلەن، لى بەينىڭ «يالغۇز مەي ئىچىش» ناملىق شېئىرى ئۇيغۇرچىدە يەتتە خىل نۇسخىدا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇلار ھەممىسى بىر-بىرىدىن پاساھەتلىك چىققان. مېنىڭ قولۇمدا، مەن تەرجىمە قىلغان «پارىژ بۈۋىمەريەم چېركاۋى» ناملىق كىتابنىڭ خەنزۇچە تۆت خىل نۇسخىسى بار. دېمەك، بۇ قېتىم نەشردىن چىققان «يۆتەلگەك ئاققۇ» ناملىق كىتابتىكى ئەسەرلەرنىمۇ ئوخشىمىغان بىر قانچە تەرجىمان تەرجىمە قىلىپ باقسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
مېنىڭ نەزىرىمدە، تەرجىمە بىر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى. بىز ھەرگىزمۇ تەرجىمە ئالماشتۇردى، تىل ئالماشتۇردى، كىتاب ئالماشتۇردى دېمەيمىز، بەلكى مەدەنىيەت ئالماشتۇردى دەيمىز. دېمەك ھەرقانداق تەرجىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش. بىز تەرجىمە ئارقىلىق مەلۇم مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قارشى، دۇنيا قارىشى، ئەخلاق قارىشى، تۇرمۇش قارشى، ئۆرۈپ ئادىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنەلىشىمىز كېرەك.

..

 

.


  «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن مەريەمگۈل ئوبۇلقاسىم بىلەن مۇنەۋۋەر ئەخمەتلەردىن ئىگىلىشىمچە، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچىسى 2009 – يىلى ئۆكتەبىردە نەشر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 49 سان چىقىپتۇ. بۇ ژۇرنالدا 2012-يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس ئەسلى ئاپتور ئىجادىيىتى سەھىپىسىمۇ ئېچىلىپتۇ. بۇ جەرياندا، مۇشۇ سەھىپە ئارقىلىق كۆپلىگەن ياش يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى مارت ئېيىدا، ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىغا؛ ماي ئېيىدا، ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا ئاتاپ مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىپتۇ. قىسقىسى، بۇ ژۇرنال تەسىس قىلىنغان يەتتە يىل جەريانىدا ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى تەسىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ مېڭىپتۇ. «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقى گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىشلىگەن يۇقىرىقىدەك خىزمەتلىرى بەدىلىگە ھازىرغىچە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، جۈملىدىن، ئۇلار جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەشرىياتچىلىق گۇرۇھىنىڭ 2016 - يىللىق «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپتۇ. «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2017-يىلى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنى قوش تىل سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇقى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، جۇڭگو تەرجىمە نەشرىياتى بىلەن بىرلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا ئېلان قىلىنغان 60 پارچىدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەر ھەمدە بۇ ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچە ئەسلى نۇسخىسى كىرگۈزۈلۈپ تۈزۈلگەن «ئەدەبىي سېلىشتۇرما قوش تىل ئوقۇشلۇقلىرى» نى نەشر قىپتۇ. بۇ ئوقۇشلۇق نەشر قىلىنغاندىن كېيىن «2017-يىللىق جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى نادىر نەشرىيات قۇرۇلۇشى» غا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئۇلار بۇ قېتىم نەشر قىلغان «يۆتەلگەك ئاققۇ» ناملىق ئەدەبىي سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇققا ئاساسلىقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان ئەڭ نادىر ھېكايە، نەسر، شېئىر، بالىلار ئەدەبىياتى قاتارلىقلار تۈرلەر بويىچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن سىرت، سېتىلىشى ۋە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ.

 

.