UYNTV

مىسىر پارلامېنتى مەملىكەت دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى تەستىقلىدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 05-07-2017 12:27

A-A+

مىسىر پارلامېنتى مەملىكەت دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى تەستىقلىدى

مىسىر ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر پارلامېنتى شۇ كۈنى 10-ئىيۇلدىن باشلاپ مەملىكەت دائىرىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى تەستىقلىدى.

مىسىر پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئەلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 4-ئايدا ھۆكۈمەت جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇش سەۋەبىنىڭ تاكى ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، پارلامېنتىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 9-ئاپرېل مىسىرنىڭ شىمالىدىكى تانتا ۋە ئىسكەندىرىيە شەھەرلىرىدە چېركاۋلارغا قارىتىلغان پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلدى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مىسىر پارلامېنتى 11-ئاپرېل مەملىكەت مىقياسىدا ئۈچ ئاي جىددىي ھالەت يولغا قويۇشنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى.