UYNTV

ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلاپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 06-07-2017 12:29

A-A+

 يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 ئۆتكەندە ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئۆلكىسىدىكى سىلېرى يانار تېغى توساتتىن پارتلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئىككى قۇتقۇزۇش خادىمى قازا قىلغان، ئون كىشى يارىلانغان.

 سىلېرى يانار تېغى پارتلىغاندىن كېيىن تەخمىنەن 50 مېتىر ئېگىزلىككە كۆپ مىقداردا ماگما ۋە يانار تاغ كۈلى كۆتۈرۈلگەن. ئاپەت يۈز بەرگەن ۋاقىتتا تەخمىنەن 17 ساياھەتچى يانار تاغ ئېغىزى ئەتراپىدا بولۇپ، ئارىسىدىكى 10 كىشى يارىلانغان، نۆۋەتتە ئۇلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

 ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەرلىك ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى ساياھەتچى ۋە ئاممىنى جىددىي تارقاقلاشتۇرغان. قۇتقۇزۇش ۋە ئىزدەش خىزمىتىگە ئاجرىتىلغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان بەختكە قارشى بىر قىياغا سوقۇلۇپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايروپىلان خادىمى قازا قىلغان، ئايروپىلاندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

 سىلېرى يانار تېغى دىئېڭ ئېگىزلىكىدىكى ئون يانار تاغ ئىچىدە ئەڭ ھەرىكەتچان يانار تاغ، شۇنداقلا ئەڭ خەتەرلىق يانار تاغ، بۇ يانار تاغ ئالدىنقى قېتىم 2009-يىلى پارتلىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 1979-يىلىدىكى پارتلاشتا تەخمىنەن 142 ئادەم قازا قىلغان.