UYNTV

لىۋىيەنىڭ دىندىن خالى قوراللىق كۈچى بولغان خەلق ئارمىيەسى بەنغازىنى كونترول قىلدى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 07-07-2017 15:31

A-A+

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيەدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گېنېرال دىندىن خالى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى خەلىپە خافتار 5-ئىيۇل تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، ئۇ رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى شەرقىي قىسىمدىكى مۇھىم بازار بەنغازىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئارمىيەسى تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىدە غەلىبە قىلدى، لىۋىيە پۇقرالىرى ئۇزاقتىن بۇيان بۇ غەلىبىگە تەشنا بولۇپ كەلگەن ئىدى.