UYNTV

پارىژ بىلەن لوس ئانژېلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 12-07-2017 17:59

A-A+

ھ

11-ئىيۇل، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىتىنىڭ 130 – قېتىملىق يىغىنىدا لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ باشلىقى گارسېتى بىلەن پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى ھىدالگو (ئايال) نىڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 11 – ئىيۇل، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىتىنىڭ 130 – قېتىملىق يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى تۇرۇشلۇق شىۋېتسارىيەنىڭ لائۇسان شەھىرىدە چاقىرىلدى. بۇ يىغىندا 2024 – يىللىق ۋە 2028 – يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلدى، پارىژ بىلەن لوس – ئانژېلىس ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئەمما 2024 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پارىژ ياكى لوس ئانژېلىسنىڭ ئۆتكۈزۈشى تېخى ئايرىلمىدى.

11 – ئىيۇلدىكى يىغىنغا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 83 ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى ئاي ئاچقان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارنى ماقۇللىدى. قاراردا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى: 2024 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان شەھەرلەردىن پەقەت پارىژ بىلەن لوس ئانژېلىسلا قېپ قالغان شارائىتتا، 2028 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈدىغان شەھەرنى بېكىتىۋېتىش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سىجىل، ساغلام، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. يىغىن يەنە پارىژ، لوس ئانژېلىس ۋە خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلغانىدى. بۇ سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پارىژ بىلەن لوس ئانژېلىستىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن قايسىنىڭ ئاۋۋال ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئىدى. دېمەك، بۇ يىغىن 2024 – يىللىق 2028 – يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇشۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئۆتكۈزۈدىغانلىقىدىن بەلگە بەردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى شەھەرنىڭ باشلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئىستىكى، ئارتۇقچىلىقى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن نېمىلەر ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى شەرھىيلىدى. ئەمما ھەر ئىككىسى 2028 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا پارىژنىڭ 2024 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى سەل چوڭراق، چۈنكى پارىژ 1924 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 2024 – يىلى شۇ قېتىملىق ئولىمپىكنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە نەق 100 يىل بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سېنتەبىردە پېرۇ پايتەختى لىمادا ئېچىلىدىغان چوڭ يىغىنىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىكەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قايسى شەھەرنىڭ ئاۋۋال ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى بېكىتىلگەن ھامان بۇنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلايدىكەن.