UYNTV

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-07-2017 18:15

A-A+

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدا (1)

 گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاچقۇچى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ياخشى ھالەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت.

 پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە 20 يىل بولغان مۇھىم ۋاقىتتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاچقان 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، داۋاملىق يول ئاچىدىغان مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يىغىندا 20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، شىنجاڭ خىزمىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

 بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە بىر قاتار زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر بىر نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، 20 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتەك ئەۋزەللىكىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى ھەم قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. 20 يىلدىن بۇيان، مەركەز ئالتە قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىغىننىڭ شىنجاڭدا ئېچىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم. بۇ قېتىمقى يىغىن 20 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرگە تولۇق ئەھمىيەت بەردى ۋە ئۇنى قوللىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈكسەك خوجايىنلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ‹‹قان ئىشلەش›› ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگۈسى.

 يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا بۇ قېتىمقى يىغىن شىنجاڭنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بىز يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالىدىغان بۇرچ تۇيغۇمىز، قىلچە بوشاشمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىن ئىبارەت تۈرلۈك ئىشلىرىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ئۆزلەشتۈرگەندىلا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتەلەيمىز، يىغىننىڭ روھىنى تېزدىن ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرالايمىز، ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشالايمىز.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

ئاممىۋى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى ..07-13

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە ..07-13

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭ..07-13

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭ..07-13

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە ..07-12

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىن..07-11

ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان–ۋەزىپىنى ئومۇميۈز..07-07

ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك ..07-06

ئاپتونوم رايونىمىز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك ..07-06

باش نىشاننى چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇت..07-06