UYNTV

خەلق ئارمىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنايلى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-07-2017 12:53

A-A+

1.پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىش

 جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ روشەن سىياسىي بەلگىسى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرى مۇشۇ جايدا تۈزۈلىدۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىمۇ مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 كۈچلۈك دېڭىز – ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش، دۇنيا ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش... ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بەش قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

 خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە قانداق ماسلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش ۋە كۈچلۈك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە.

 ئۈزلۈكسىز ئۇزىراۋاتقان ئۆگىنىش تىزىملىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى پەيت بىلەن ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىش، ئامانلىق بىلەن خەۋپنى يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلىنىشتىن ئىبارەت.

 ‹‹دۇنيادا مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىز چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلۈككە يۈزلىنىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئارمىيەمىز بىر مەيدان ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، كەڭ نەزەر دائىرە، چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات دەۋر كوردىناتىنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى.

 بۈگۈنكى دۇنيادا خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا سىستېما تېز ئۆزگىرىش ۋە چوڭقۇر تەڭشىلىش مەزگىلىگە كىردى، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا مىسلىسىز يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

 شۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە خەۋپ – خەتەر خىرىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ ۋە كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. دۇنياۋى يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ تېز تەرەققىياتى، ئۇرۇش ھالىتىنىڭ تېز ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىش دولقۇنىدا، خەلق ئارمىيەسىدىكى ‹‹ئىككى ئىقتىدار كەمچىل بولۇش››، ‹‹ئىككى پەرق ناھايىتى زور بولۇش›› مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ.

 ‹‹پۈتۈن ئارمىيە جەزمەن ئېلىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسنى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك››. نۇرغۇن مۇھىم يىغىن، مۇھىم سورۇنلاردا رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى ۋەزىيەتنى، ئومۇمىيەتنى كۆزىتىپ، دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپنى پۇختا ئىگىلەشكە ئاگاھلاندۇردى

 مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتە، مۇناسىپ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى بېكىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن – ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ نىشانغا قويۇپ تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛

 ئېلىمىزنىڭ چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلۈككە ئۆزگىرىشىدە دۇچ كېلىدىغان خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مۇساپىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

 خەلقئارا ھەربىي ئىشلار رىقابىتىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشتە، خەلق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھەلەپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئېقىمغا يېتىشىۋېلىشى، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛

خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كونا ئىللەتلەرنى چۆرۈپ تاشلايدىغان جاسارەت ۋە يېڭى ئىدىيە بولۇشى، خەلق ئارمىيەسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك...

ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش. مۇھىم تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتقان خەلق ئارمىيەسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلاندى.

 2. ئارزۇغا يېتىش

 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئادەتتىكىدەك كۈن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹گۈللىنىش يولى›› تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى كۆرگەندە دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا: ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى››، دەپ جاكارلىدى.

 ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نەنخەي ساھىلىدا: ‹‹بۇ ئۇلۇغ ئارزۇ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئارمىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىدۇر››، دەپ مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى.

 بۇ، تارىخ ئالدىدا بېرىلگەن ۋەدە، شۇنداقلا كەلگۈسىگە قىلىنغان خىتاب!

 شانلىق نەتىجە ياراتقان دۆلەتلا ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلەلەيدۇ؛ يەتكۈچە ئازاب – ئوقۇبەت تارتقان مىللەتلا دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىدۇ.

 رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹يۈرەك ئاغرىقى›› دەپ ئاتىغان جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى كىشىلەرنىڭ يۈرەك – باغرىنى پارە – پارە قىلغانىدى.

 دەرد – ئەلەملەرنى قايتا ئەسلەپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە تاللاش كۆپىيىپ، بۇنىڭدىن جانلىق پايدىلىنىۋاتقان بولساقمۇ، بىز ھەربىي ۋاسىتىنىڭ باشتىن – ئاخىر تۆۋەن چەكنى ساقلاش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

 نەزەرىمىز تارىخىي ئۇرۇش ئوتلىرىدىن ھالقىدى؛ كاللىمىزدا يىراق كەلگۈسىنىڭ پىلانى تۈزۈلۈۋاتىدۇ.

 2013 – يىلى 3 – ئايدىكى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: ‹‹پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى››، دەپ جاكارلىدى.

 پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش روھ، جەڭدە غەلىبە قىلىش يادرو، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇش كاپالەت. پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىدا مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشى كۆزلىنىپ، دۆلەتنى بېيىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئومۇمىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسى سېلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ دۆلەت ئارمىيەسى، كۈچلۈك دۆلەت ئارمىيەسىلىك ئورنى بېكىتىلدى. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ‹‹قۇدرەت تاپقۇزۇش›› سىياسەت، ئۇرۇش قىلىش، ئىستىلنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تىكلەش جەھەتلەردىكى ‹‹ئومۇميۈزلۈك قۇدرەت تاپقۇزۇش››تۇر، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى ‹‹ھالقىما قۇدرەت تاپقۇزۇش››تۇر، بىللە يۈگۈرۈش، يۈگۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىبارەت ‹‹ھالقىما قۇدرەت تاپقۇزۇش›› تۇر.

 مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە چىڭ پۈكۈشىمىز كېرەك. 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى ‹‹ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش›› قا چاقىرىق قىلدى. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيەدىن ئېشىپ كېتىش ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جەسۇرانە ئىرادىسى مىليونلىغان ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

 ساداسى مىڭ چەۋەندازنى قورقۇتار، غەيرىتى تاغلارنى تالقان قىلۇر.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش ئۇلۇغۋار چاقىرىقىغا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاش ھەربىي لاگېرلاردىكى كۈچلۈك دەۋر ساداسىغا ئايلاندى.

 3.ئورۇنلاشتۇرۇش

 2017 – يىلى چاغاننىڭ ھارپىسىدا مەركەزنىڭ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى قۇرۇلدى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. تاراتقۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى يېڭى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، يەنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋە ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى بولغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

 يېڭى ئاپپارات، يېڭى ۋەزىپىدىن ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بارغانسېرى ئايدىڭلاشماقتا. چەت ئەل تاراتقۇلىرى: رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹ناھايىتى چوڭ بىر تاختا شاھمات ئويناۋاتىدۇ››، دەپ باھا بەردى.

 بۇ چوڭ شاھماتتا، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغۋار كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىگە قويۇپ دەڭسەپ، پارتىيەمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ گۈللىنىشىدەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىغا قويۇپ پۇختا ئىگىلەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قويۇپ پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن تۈزۈلگەن بۈيۈك لايىھەنى، تىپنى ئۆزگەرتىپ ھالقىش بۈيۈك تەپەككۇرىنى، ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى بېكىتتى

 ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات ۋە ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ تۈپ يېتەكچىلىكىنى بېكىتتى؛

 يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى تۈزۈپ، ھەربىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىروگراممىسىنى بېكىتتى؛

 دىققەتنى ئەمەلىي جەڭگە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا، سىستېما قۇرۇلۇشىغا، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتى؛

 سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويدى؛

 خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى...

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى، مۇھىم نەزەرىيەۋى قارىشى، مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى، بۇرچىنى، ۋەزىپىسىنى، يېتەكچى فاڭجېنىنى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى، تۈپ كاپالىتىنى، ئىلمىي ئۇسۇلىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە نېمە ئۈچۈن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز، ئارمىيەنى قانداق قۇدرەت تاپقۇزىمىز، كەلگۈسىدە قانداق ئۇرۇش قىلىمىز، جەڭدە قانداق غەلىبە قىلىمىز›› دېگەندەك ئاساسىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ يېتەكچى ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، قۇرۇلۇشقا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش روھى ۋە خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش پىروگراممىسىنى تۇرغۇزدى.

 ئۈستۈنلۈك ئىگىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى.

 نىشان، يول، تەدبىرلەر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىر يۈرۈش يىراقنى كۆرەر ئومۇمىي تەدبىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئومۇمىي تەدبىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلق ئارمىيەسى كېچە – كۈندۈز ھەسسىلەپ ئىشلەپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردا ھەر يىلى يېڭى قىياپەت شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

 ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇش. ئۇلۇغ مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوخشاش زامان – ماكان ئوقىدا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئومۇمىي تەدبىرى بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئومۇمىي تەدبىرى بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، كىشىلەرنى خەلق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچكە، ئۈمىدكە ئىگە قىلدى!

 ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، پولات ئىستىھكامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش

 ‹‹پارتىيە ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشى، ئارمىيەمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك››.

شى جىنپىڭ

 4. روھ يېتىشتۈرۈش

 خەلق ئارمىيەسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭىلىق يارىتالىسىلا، ئاندىن قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يىراق مەنزىلگە يېتەلەيدۇ.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2014 – يىلى ئالتۇن كۈزدە 400 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرنى باشلاپ گۇتيەنگە بېرىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئاچتى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى.

 ئەينى يىلى، يېڭىدىن قۇرۇلغان خەلق ئارمىيەسى دەل مۇشۇ يەردە قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە دەل مۇشۇ يەردە ئاساس سېلىنغانىدى. ‹‹پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى گۇتيەندە ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىمدە يىلتىزنى تېپىش، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش، يىلتىزىدىن تۈزەپ، مەنبەنى تازىلاش، ئۆتكەننى تەكرارلاپ، يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، پۈتۈن ئارمىيەدىكىلەرنى ئارمىيەمىزنىڭ قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرقى مەسىلە ۋە پەرقنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش كېرەكلىكىنى، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق قوشۇنغا ئايلىنىش كېرەكلىكىنى ئويلىنىشقا يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەدبىرى ۋە مۇلاھىزىسى بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئېغىر تارىخىي يۈكنى يۈكلىدى، يىغىننى چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى، يىغىنغا چوڭقۇر سىياسىي مەنە بېغىشلىدى.

 بۇ قېتىمقى يىغىندا ‹‹11 چىڭ تۇرۇش››تىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنە مۇپەسسەل يەكۈنلەندى، ئون جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە كەسكىن كۆرسىتىپ بېرىلدى، ‹‹تۆتنى مۇستەھكەملەش››، ‹‹بەشنى كۈچەپ تۇتۇش››قاتارلىقلار ئېنىق تەكىتلەندى... يىغىندا رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەنىڭ ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇشتىن ئىبارەت زور مەسىلىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلق ئارمىيەسى سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر تېمىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىپ، خەلق ئارمىيەسى تارىخىدىكى يەنە بىر ئابىدىنى تىكلەپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.

 2015 – يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى ۋە رىياسەتچىلىكىدە تەييارلانغان ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمىتىگە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا قارار›› پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەگە تارقىتىلدى. گۇتيەندىن قايتا يولغا چىققاندا نەدىن كەلگەنلىكىمىز، نەگە بارىدىغانلىقىمىز تېخىمۇ ئايدىڭ بولدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئارمىيەنىڭ روھى ۋە جېنى، بۇنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە، مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭ قايتا – قايتا تەكىتلىگەن ‹‹مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە، مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ›› دېگەن بۇ سۆز خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.

رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن تارتىپ جياڭشى  ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى قوبۇل قىلغانغا قەدەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقاندىن تارتىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقانغا قەدەر، غايە، ئېتىقادنىڭ چوغىنى، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنىڭ گېنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيەنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنى قايتا – قايتا جېكىلىدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى راكېتا ئارمىيەسى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەندە، قىسىمنىڭ ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم قىسىمغا بارغاندا ئەسلىدىكى 2 – توپچىلار قىسىمىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە. شۇ چاغدا رەئىس شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق بولۇشى، مۇتلەق پاك بولۇشى، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

 قەلبىمدە روھ، ئايىغىمدا يىلتىزىم بولسۇن دەيدىغان گەپ بار. پۈتۈن ئارمىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرونى قوغداش، قوماندانلىققا بويسۇنۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى، پارتىيە تارىخى ۋە ئارمىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ‹‹غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان›› يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەپ، ‹‹پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئەقىدە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچان›› لىققا ئىگە، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىسىملارنى يېتىشتۈردى، بۇ بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولدى.

 پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەلىرى ئەزەلدىن ئارمىيەنىڭ قەلبىنى، ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەيدىغان شانلىق بايراق بولۇپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىگە، بۈگۈنكى جۇڭگوچە ماركسىزمنىڭ ئەڭ يېڭى راۋاجىغا، پارتىيەمىزنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندى.

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى ئىزچىل داۋاملاشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ئارقىلىق نىشانغا يېتەكچىلىك قىلىش، روھ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ روشەن تېمىسى بولۇپ قالدى.

 ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر سادىق بولۇپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولۇپ، بۇرچى بىلەن ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي تەتبىقلاپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى چوڭقۇر چۈشەندى ۋە ئىگىلىدى؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆگىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلدى؛ جەۋھىرىنى ئۆگىنىپ، ئىلمىي مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلىدى؛ ئەسلىي مەقسەت ئىلمىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇلارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالىيجاناب داھىيلىق خىسلىتىگە بولغان ئىززەت – ھۆرمىتى چىن كۆڭلىدىن ئاشتى. سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرى تۈرلەرگە بۆلۈپ، بىر – بىرلەپ يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بەردى؛ ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرىدا، ئەسكەرلەر دەرسخانىلىرىدا مۇنازىرە، تەھلىللەر قىزىپ كەتتى؛ تور مۇنبەرلىرى، يان تېلېفون APP لىرىدا ‹‹ئىشىكى تاقالماس نەزەرىيە دەرسخانىسى›› قۇرۇلدى... تونۇش تېخىمۇ ئۆستۈرۈلدى، ئۆگىنىش ئېتىقادتا يىلتىز تارتتى، خىزمەتلەر چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەم بېكىتىلدى.

 2017 – يىلى چاغان ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ مەلۇم قىسىمىدىكى ‹‹تۆھپىكار 3 – ليەن›› گە ئالايىتەن بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ليەن كادىرلىرىنى دەۋرگە، ئەمەلىيەتكە، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە يېقىنلىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

 بۇ ليەننىڭ ‹‹كىرسىن چىراغ ئاستىدا ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش›› تەك نەزەرىيە ئۆگىنىش ئەنئەنىسى بار، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، ‹‹غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان›› يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، ‹‹پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئەقىدە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەت›› بولغان ليەن قۇرۇشتا ‹‹دەۋرنىڭ نەمۇنىچىلىرى››دىن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ ھەقىقىي جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

‹‹رەئىس شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونىڭ يول باشلىشى پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەمىزنىڭ بەختى. رەئىس شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداش بايراققا، يۆنىلىشكە، يولغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە، ئارمىيەنىڭ روھىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇ ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ زور ئومۇمىيەت، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىدۇر››. ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يادروغا سادىق بولۇش، قوماندانلىققا بوي سۇنۇش، ھەربىي ھوقۇقتا بىردەك بولۇش قاتارلىق ئىدىيە، ئېتىقاد كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نوپۇزنى، يادرونى قەتئىي ئاڭلىق قوغداپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغداپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇندى.

.5 جان پىدالىق بىلەن ئىشلەش

بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، ‹‹جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش›› مەزمۇنىدىكى ئىستىل تۈزەش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەخسۇس تەربىيە فىلىمى ھەربىي گازارمىلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ فىلىمدە كىشىلەر ئادەمنى چۆچۈتىدىغان خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش دېلولىرى ۋە چىرىكلەشكەنلەرنىڭ پۇشايمان – نادامەتلىرىنى كۆرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ، قايتا تەرتىپكە سېلىش، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەشتەك قەيسەر ئىرادىسىنى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى تونۇپ يەتتى.

 چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللەرنى جازالاش، ئىستىلنى توغرىلاش، نۇقسانلارنى تۈزەشتىكى ئىرادە زادى قانچىلىك زور بولدى؟ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا سالماق زادى قانچىلىك يۇقىرى بولدى؟ بۇ بىر مەيدان سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم – تەربىيەدە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستىلى، كەيپىياتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرىلدى.

 بۇ بىر مەيدان يېڭى سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم – تەربىيەدە ‹‹ئەمەلدارغا جازا يوق›› دەيدىغان پەتىۋا بۇزۇۋېتىلدى.

 ‹‹ئارمىيە قورال تۇتىدۇ، ئارمىيەدە چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارغا ھەرگىز يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىق كېرەك››. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىستىلنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇلارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ۋە ئارمىيەمىز ئۈچۈن چوڭ سىياسىي يوشۇرۇن ئاپەتنى يوقاتتى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە خەتەرنى تۈگىتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئارمىيەمىزنى قۇتقۇزدى.

 جىنايەتنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ، مەنسەپ ھېچكىمگە باقىمەندە ئەمەس. خەلق ئارمىيەسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانىغا دەسلەپكى قەدەمدە يەتتى، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق تۈزۈمىنى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، چىرىكلىشىش خىيالىدا بولماسلىق جەھەتتە مۇداپىئە توسمىسىنى سېلىشقا باشلاپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قانۇن – ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىردىن 100 نەچچىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، چىرىكلەشكەنلەرگە جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەرنى جەزمەن قاتتىق تازىلاشتەك قەتئىي ئىرادە روشەن گەۋدىلەندۈرۈلدى.

 بۇ بىر مەيدان يېڭى سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم – تەربىيەدە ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››نى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئىرادىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس تازىلاش خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە ۋە سىياسىي ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك.

 رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تازىلاش خىزمىتىنى كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتتى. گۇتيەندە ئېچىلغان ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، ‹‹ئالتىنى تازىلاش›› زىچ چۆرىدىلىپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ مەسىلىسىنىڭ رەزىل سىياسىي خاراكتېرى ۋە ئېغىر سىياسىي زىيىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىپ، ئېنىقلاش، تازىلاش خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. 2016 – يىلى 10 – ئايدا، پۈتۈن ئارمىيەدىكى چوڭ ئورۇنلار ۋە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى مەخسۇس يىغىنى ئېچىلىپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇلارنىڭ زەھىرىنىڭ تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس تازىلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى.

 تەشكىلىي جەھەتتە ئاخىرغىچە تازىلاندى. سىياسىي تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى زورايتىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار تەشكىلگە راست گەپ قىلىپ، ئېنىق جاۋاب بېرىشكە يېتەكلەندى ۋە ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى، چېتىشلىق مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرى ئېغىرراق بولغانلار قانۇن – ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزام ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپلىقى قوغدالدى.

 ئىدىيە جەھەتتىن تازىلاپ، قالايمىقانچىلىق ئوڭشالدى. مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيە ۋە تەشكىلىي تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەسىلىلەرگە پارتىيەۋىلىك قاتلىمىدىن قارىلىپ، كېسەللىكنىڭ يىلتىزى ۋۇجۇدنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن تازىلاندى. ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇلار بىلەن چەك – چېگرا ئېنىق ئايرىلىپ، بۇرۇنقى يوشۇرۇن قائىدە، ناچار ئىللەتلەردىن تەلتۆكۈس قول ئۈزۈلدى.

 ماركسىزم – لېنىنىزمغا چىن ئېتىقاد قىلىش بىلەن ماركسىزم – لېنىنىزمنى قۇرۇق توۋلاپ قويۇش، چىن سادىق بولۇش بىلەن ساختا سادىق بولۇش، تەشكىلگە تايىنىش بىلەن شەخسكە بېقىنىش، ئەمەلىي نەتىجىگە ئىنتىلىش بىلەن نام – مەنپەئەت قوغلىشىشتىن ئىبارەت 12 چوڭ ھەق – ناھەق مەسىلىسى چۆرىدىلىپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە قىلىندى، چوڭ ئورۇنلار پارتكومى ۋە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىن باشلاپ تازىلاش، ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدىيە – قاراش، قاتمال ئىستىل، خىزمەت تەرتىپلىرى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك تازىلىنىپ، قىسىم ئىستىلى تۈپتىن ياخشىلىنىشقا يېتەكلەندى.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشى بىلەن ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ‹‹تۆت خاھىش››نى داۋاملىق تۈزىتىپ، ‹‹تۆتنى تەرتىپكە سېلىش››، ‹‹سەككىزنى مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش›› نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئارمىيەنىڭ سىرتقا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ شەمشەر››دىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھە، كەسىپلەرنىڭ ئىستىلىنى گەۋدىلىك تەرتىپكە سالدى. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ پۇل، ماددىي بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلىش – ئېلىش، ئەسكەرلەرنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش، ئاساسىي قاتلامدىكى سەزگۈر ئىشلارغا قول تىقىپ ئارىلىشىش قاتارلىق ‹‹ئۇششاق چىرىكلىك›› مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى زور كۈچ بىلەن تۈزەتتى. تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە، دائىم چىڭ تۇتتى... نەتىجىدە ئېسىل ئىستىل ئەسلىگە كەلدى، سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشىلاندى.

 بۇ بىر مەيدان يېڭى سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم – تەربىيەدە تىغ ئۇچى ‹‹ناچارلار ياخشىلارنى سىقىپ چىقىرىش›› ئەھۋالىنى تۈگىتىشكە بىۋاسىتە قارىتىلدى.

 ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئەڭ تۈپ يۆنىلىش، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى ئەڭ چوڭ چىرىكلىك.

 رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، پاك – دىيانەتلىك بولۇشنى ئارمىيەدىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى قىلىش كېرەك›› دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىشتە ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇشقا، ئەخلاقلىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا، جاي – جايلاردىن بولۇشقا، ئەخلاق – پەزىلەتلىكلەرنى ئىشقا قويۇشقا، ئاساسىي قاتلامغا، ئەمەلىي ئىشلەشكە ۋە ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىنى تاللاپ سەپلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى قاتلام بەنزىلەرنى تەڭشەپ سەپلەشنى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆتكەلنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ، پىرىنسىپنى بېكىتىپ، جۈنجاڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇرۇشنى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن ئۇرۇش رايونى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە مۇھىم ئىش ئورنىدىكى كادىرلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىپ، سىياسىي تەلەپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىي مەشىق، پاك – ئىنتىزامچان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 باش قوماندان بىۋاسىتە، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاش ئۈچۈن يېڭى ئۆلچەم بېكىتتى. بەش يىلدىن بۇيان، كادىرلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ‹‹سالتاڭ ئەمەلدار››نى تازىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كاتىپلىرىنى باشقۇرۇش، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش قاتارلىق كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشتىكى بەش تۈزۈم يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك تۈزىتىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ‹‹ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى چوقۇم ئېلىش، ئۆستۈرۈلىدىغان ئوبيېكتنىڭ ئارخىپ، ماتېرىياللىرىنى چوقۇم تەكشۈرۈش، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى چوقۇم ئۇدۇللاشتۇرۇش، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ يىپ ئۇچى كونكرېت بولغان، تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ئەرز، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى چوقۇم تەكشۈرۈش››تە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش››تىن قەتئىي ساقلاندى.

 2016 – يىلى 2 – ئايدا ‹‹كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تەڭشەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› پۈتۈن ئارمىيەگە تارقىتىلىپ، جۈن دەرىجىلىك كادىرلارنى تەيىنلەش، قالدۇرۇش چوڭ ئورۇنلار نامزات ئوبيېكتىنى تەۋسىيە قىلىش، ھەربىي كومىتېت نامزات كۆرسىتىش ۋە مۇھاكىمە قىلىپ تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىلدى، ھەربىي كومىتېت بىر تۇتاش تەڭشەش، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تاللاش، ئالماشتۇرۇش يولى بارغانسېرى كېڭەيتىلىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىندى. شۇ يىلى 10 – ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيەدە كادىرلارنى باھالاش كومىتېتى قۇرۇپ، كادىرلارنى باھالاش كۈچى يېتەرسىز بولۇش، ئۆلچىمى ئوخشاش بولماسلىق، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تاللانغان، ئىشقا قويۇلغانلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، نوپۇزىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.

 پۇختا چېنىققان ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەر باشقۇرغۇچىلار ئەتىۋارلىنىپ، قوماندانلىق قىلالايدىغان، جەڭ قىلالايدىغانلار مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئادەم تاللاش، ئىشقا قويۇشتىكى ‹‹تەتۈر شاللاش›› ھادىسىلىرى كۈچلۈك توسۇلدى. ‹‹ھەقىقەتەن ياخشى ۋاقىتقا ئۇلاشتۇق!››، نۇرغۇن كادىر مۇنۇلارنى ئىنكاس قىلدى: ھازىر ئادەم تاللاش، ئىشقا قويۇش بارغانسېرى ئىلمىيلىشىپ قېلىپلاشتى، مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ‹‹يول مېڭىش›› ئىشلىرى ئازايدى، ئەھۋال سوراش، باغاقچە بېرىش ئىشلىرى ئاقمايدىغان بولدى، ئەمەلىي ئىشى، ئەمەلىي نەتىجىسىگە تايىنىپ تەشكىلنىڭ تاللىشىنى قوبۇل قىلىش بىردىنبىر تاللاش بولۇپ قالدى.

  بۇ بىر مەيدان يېڭى سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم – تەربىيەدە ‹‹ياخشىچاقلىق›› ۋە چاكىنىلىشىش خاھىشى تەدرىجىي ئۆزگەرتىلدى.

 ئىستىل مەسىلىسى ماھىيەت جەھەتتىن پارتىيەۋىلىك مەسىلىسى.

 يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى 2013 – يىلى 7 – ئايدا ئۇدا ئىككى يېرىم كۈن ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ ئورۇنلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۈچۈن تەييارلانغان سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى مەخسۇس كۆردى. ھەربىي كومىتېت بۇ بىر قانچە يىلدا مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ئىستىل قۇرۇلۇشى ئاساسىي تېمىسىنى سىڭدۈرۈپ، تەلەپچان ۋە راستچىل بولۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەگە ئۈلگە بولدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ بەش يىلدىن بۇيان بىر قاتار مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

 پۈتۈن ئارمىيە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تەلەپچان›› بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرىيلىكى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق شەكىللەندۈردى.

 بۇ بىر مەيدان يېڭى سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم – تەربىيەدە شەكىل ئۈچۈنلا قىلىپ قويىدىغان يامان ئىللەتلەر يىلتىزىدىن تۈزىتىلدى.

 ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە 92 شەھەردىكى تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 452 ئورۇننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئاشكارا، يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپ 20 تىپىك مەسىلىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، 30 رەھبىرىي كادىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلدى، 95 بىۋاسىتە جاۋابكارغا ئىنتىزام جازاسى بەردى ياكى ئۇلارنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىر تالون، بىر قېتىملىق زىياپەتكە ئوخشاش مۇشۇنداق ‹‹كىچىك ئىشلار››نىڭ ئۇدا بەش يىل تۇتۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۈزۈم – بەلگىلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي، قانۇن، ئىنتىزام ئىجراسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق، دېيىشتى.

 ‹‹ئارمىيەدىكى ئەرزان – قولاي ئۆي كۆلىمىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› بۇ يىل 3 – ئايدا پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆلىمى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆيلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئىرادە سالمىقىنىڭ زور، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ قاتتىق بولۇشى گازارمىلاردا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلدى...

 ئىستىلنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى تۈزۈم. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار›› 2015 – يىلى 2 – ئايدا پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلىپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ئىزىغا تېز سېلىنىپ، ‹‹ئۈچ تۈپ ئۆزگىرىش›› چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. گازارمىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى قانۇن – ئىنتىزامدىن ئىبارەت بۇ خالىغانچە بۆسۈپ ئۆتكىلى بولىدىغان ‹‹رېزىنكا بوغقۇچ›› توك ئۆتۈۋاتقان ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى››غا ئايلىنىپ، كىم تەگسە شۇ ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدىغان بولدى.

 خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى قانۇن – تۈزۈملەر ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، بولۇپمۇ ئوفىتسېرلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچ چۆرىدىلىپ، تۈزۈم قەپىزى بارغانسېرى چىڭىتىلدى. ‹‹ئارمىيەدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئىنتىزام ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە››، ‹‹ئىقتىسادچانلىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، راسخوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››، ‹‹ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كەيپىيات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››... پولاتتەك قائىدە – بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسىتىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

 تۈگىتىش بىلەن تۇرغۇزۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ! پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ!

 6.ئۆزگىرىش

 دەۋرنىڭ چاقى 2017 – يىلىغا قەدەم قويدى، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى كۈتۈۋېلىندى.

 ھەربىي قىسىملارنىڭ بەلگە نومۇرى ئۆزگەردى، يەڭ بەلگىسى ئالماشتى، خادىملىرى يۆتكەلدى، تۇرۇشلۇق جايلىرى ئۆزگەردى... دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە كۈچى تېخىمۇ ئىخچام، مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، سىياسەت – تۈزۈملىرى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلۇقى، سالمىقى ۋە كۆلىمى مىسلىسىز بولدى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى، قۇرۇلمىسى، ئەندىزىسى، قىياپىتى يېڭىلاندى.

 2013 – يىلىدىكى ئاشۇ ئالتۇن كۈز پەسلىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.

 بۇ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ دەۋر تەلىپى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئالىي قومانداننىڭ چوڭقۇر پىلانلاپ، يىراقنى كۆزلەشتەك ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى كۆردى.

 دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا، ھەربىي كۈچ ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش ۋاسىتىسى ۋە يادرولۇق تىرەك. مەيلى دۇنيادىكى ئىلغار ھەربىي سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرايلى ياكى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرايلى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىدا يەنە روشەن پەرق مەۋجۇت. رەھبەرلىك قىلىش – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى دېگەندەك ئىلمىي بولماسلىق، بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسى دېگەندەك مۇكەممەل بولماسلىق، كۈچ قۇرۇلمىسى دېگەندەك مۇۋاپىق بولماسلىق، سىياسەت، تۈزۈم نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئارمىيەمىزنىڭ جەڭ قىلىش، جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئىسلاھاتقا تايىنىش كېرەك. ئىسلاھات ۋە ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىدىكى بۇ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلىغاندىلا، قەد كۆتۈرۈش ۋە گۈللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرىدۇر.

ئالىي قومانداننىڭ ئىستراتېگىيە نىشانى ۋە سىياسىي ئىرادىسى ئىسلاھاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيەسى ئىسلاھاتىنى دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى ۋە دۆلەت ھەرىكىتى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى، لايىھەسى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش زور تەدبىرى، زور ئىستراتېگىيەسىنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈردى.

‹‹بىز ئىسلاھات تەدبىرىنى بەلگىلەشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن تەرەپ – تەرەپنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك››. زادى نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ ئىسلاھات زور سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش – بولماسلىقى ئىسلاھاتنىڭ غەلىبە قىلىش – قىلالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. رەئىس شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى كۆپ قېتىم يۈزتۇرا ئاڭلاپ، ئىسلاھاتقا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆزى تەشكىللەپ مۇھاكىمە قىلىپ، بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى بېكىتتى. ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىرى ۋە ئىسلاھات خىزمىتى ئاپپاراتلىرى كەڭ كۆلەملىك، زىچ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ‹‹ئەڭ چوڭ كۆرسەتكۈچى››نى شەكىللەندۈرۈشكە مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

رەئىس شى جىنپىڭ 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دائىمىي يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ‹‹دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى››گە قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى. بىر يۈرۈش چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، زور يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر يۈرۈش ئىسلاھات لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى.

بىر قانچە يىلدىن كېيىن، بىز تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، بۇ بىر ئابىدە خاراكتېرلىك مۇھىم تۈگۈن بولۇپ قالىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى 2015 – يىل 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە: ‹‹ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭايلى!›› دەپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بەردى.

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسى ئېنىق بېكىتىلىپ، نىشان – ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ‹‹ئالتىنى كۆزلەش›› ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ئىلمىي، كۈچلۈك بولدى... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى نۇرغۇن تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق نىشان خەرىتىسى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندى.

تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلار تۈگىتىلدى

‹‹چوڭ مېڭە›› قۇۋۋەتلەندى. تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قوماندانلىق قىلىش بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇلدى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ 15 فۇنكسىيەلىك تارمىقى تەڭشەلدى ۋە تەشكىللەندى، بەش چوڭ جەڭ رايونى تەسىس قىلىنىپ، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئورگىنىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتى تاماملاندى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە جەڭ رايونى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇلدى، يېڭىدىن ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتى قۇرۇلدى، ھەربىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى تەڭشەپ تەشكىللەندى... يېڭى ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك›› قەد كۆتۈردى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ھەربىي كومىتېت ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، جەڭ رايونىدا ئاساسىي جەڭ قىلىش، ئارمىيە تۈرىنى ئاساسلىق قۇرۇش ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت ھەل قىلىندى

‹‹مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلەر›› چىڭىدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئارمىيەنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ‹‹بويۇننىڭ تۆۋەن قىسمى›› ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ نىسبىتى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، 18 قۇرۇقلۇق ئارمىيە جىتۇەنجۈنى 13كە تەڭشىلىپ قايتا تەشكىللەندى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى كۆلىمى ساقلاپ قېلىندى، دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن راكېتا ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمى سەل ئاشتى؛ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغان ئاپپاراتلاردىكى خادىملار زور ھەجىمدە قىسقارتىلىپ ۋە ئىخچاملىنىپ، ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملار تولۇقلاندى، ئومۇمىي خادىم سانىدىن 300 مىڭى ئازايتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملاردىكى خادىملارنىڭ سانى ئازايتىلماستىن، ئەكسىچە كۆپەيتىلدى؛ ھەربىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، مەشىق ئاپپاراتى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... قىسىمنىڭ تۈزۈلۈشى كۈچلۈك، بىرىككەن، كۆپ ئىقتىدارلىق، جانلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سان – كۆلەم تىپىدىن سۈپەت – ئۈنۈم تىپىغا، ئادەم كۈچى كۆجۈملىشىش تىپىدىن پەن – تېخنىكا كۆجۈملىشىش تىپىغا ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى

‹‹ھاياتىي كۈچ ئاشۇرۇلدى››. قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىسلاھاتنى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇن – نىزام ۋە تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىزاھلاش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى، ‹‹ئوفىتسېرلار قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تەشكىللىنىپ، ئوفىتسېرلارنى كەسپىيلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەربىي ئۇنۋان ئوفىتسېر دەرىجىسىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈزۈمى دەلىللىنىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى، مۈلكى خادىملار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى، كەنجى ئوفىتسېرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەربىي خىراجەتنى باشقۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ مائاشى، تۇرالغۇ تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق ئىسلاھاتلار چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇلدى... ھەربىي كەسپىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن سىياسەت – تۈزۈم سىستېمىسى تەدرىجىي ئورنىتىلدى، بۇ ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش، قىسىمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

‹‹ھەر قانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، ئىسلاھات قەدىمى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسى ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، رەئىس شى جىنپىڭ تەڭشەلگەن ۋە تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي كومىتېت ئورگىنى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، بەش چوڭ جەڭ رايونى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسىملىرىغا بايراق تەقدىم قىلدى، سۆز قىلدى، يوليورۇق بەردى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم ۋە راكېتا ئارمىيەسى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭىدىن تەڭشەلگەن، تەشكىللەنگەن 84 جۈن دەرىجىلىك ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم يوليورۇق بەردى، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە پۇختىلىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ 2016 – يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قىسىمنى تۇنجى قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۆزگەرتىش بىلەن ياخشىلاشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر قېتىم ئىدىيەۋى ئىنقىلاب قىلىپ، زامانغا لايىق بولمىغان بارلىق تەپەككۇر ھالىتىگە، ئەزەلدىن بار ئەندىزىگە ۋە يولغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ئاياغ كىيىپ، كونا يولدا مېڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك››.

‹‹بەدەن››نى بۇرىدى ھەم ‹‹مېڭە››نى ئالماشتۇردى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى تۈەندىن يۇقىرى ئورگاندا ‹‹يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى فۇنكسىيە، يېڭى بۇرچ›› تېمىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىدىيە دولقۇنى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، فۇنكسىيە ھەقىقىي ئۆزگەرتىلدى، ئىستىل ھەقىقىي ياخشىلاندى، خىزمەت ئۇسۇلى ھەقىقىي ئۆزگەرتىلدى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى بۆلۈملەر ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايرىشنى چىڭىتىپ، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى؛ جەڭ رايونلىرى ‹‹شەكىل جەھەتتە بىرىكىش››تىن ‹‹روھىي جەھەتتىن بىرىكىش››كە قاراپ يۈزلەندى، بىرلەشمە جەڭ دىجورنىسى، بىرلەشمە جەڭ قىلىش نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇلدى؛ ‹‹بويۇننىڭ تۆۋەن قىسمى››نى ئىسلاھ قىلىشتا يېڭىدىن تەڭشەلگەن ۋە تەشكىللىنىلگەن ھەربىي قىسىملار كۆنۈش مەزگىلىنى تىرىشىپ قىسقارتىپ، جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى ... ‹‹يېڭى تۈزۈلمە ۋاقتى››غا قەدەم قويغان خەلق ئارمىيەسى ئىسلاھات مۇساپىسىدىكى ‹‹ئىككىنچى قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىش››نى باشلىدى.

غوزىدىن چىقىپ كېپىنەككە ئايلىنىش مۇشەققەتلىك جەريان. رىقابەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىش – يۈزلىنەلمەسلىك، مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش – كېچەلمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش – ئالالماسلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ساداقىتىنى ئۆلچەيدىغان سىنتاش.

بۇيرۇقنى ئاڭلاپلا تېز ھەرىكەتكە كەلدى. ئىسلاھات جەريانىدا نەچچە ئون قىسىم قوشۇن يۆتكەش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە يولغا چىقتى؛ نەچچە يۈزلىگەن گېنېرالنىڭ خىزمەت ئورنى تەڭشىلىپ، بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىلا يولغا چىقتى؛ ھەربىي رايوندىكى ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىدىن يەتتىسى ئىسلاھاتقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى ...

شەنشى تەييۈەندە، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئىسلاھات سەۋەبلىك تۇنجى قېتىم ئارمىيەنى يۆتكىگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ، ئەسلىدىكى 27 – جىتۇەنجۈن ئەمدىلا ئورۇنلىشىپ تۇرۇشىغا يەنە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇ جىتۇەنجۈن يېڭى تەڭشەش ئىسلاھاتىغا دۇچ كەلدى. مەيلى ئۆزگەرتىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بولسۇن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ قوشۇۋېتىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش بولسۇن ۋە ياكى تارماقلارغا بۆلۈپ ئىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ھەربىيدىن قايتۇرۇش بولسۇن، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر قەيەر ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە باردى، بوغچىسىنى يۈدۈشۈپ يەنە يولغا چىقىشتى.

گۇاڭدۇڭ خۈيياڭدا، مەلۇم قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن لىۋانغا بارىدىغان تىنچلىقنى ساقلاش قىسىمىنى قايتىدىن تەشكىللىدى. ئورۇن ئىسلاھ قىلىپ تەرتىپكە سېلىنىش، خادىملارنىڭ خىزمىتى ۋە ئىش ئورنى بەلگىلىنىش ئالدىدا تۇرسىمۇ، تىنچلىقنى ساقلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن شەرتكە چۈشىدىغان مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر – ئەسكەر ئاكتىپلىق بىلەن بەس – بەستە تىزىمغا ئالدۇردى، ئورۇن ساقلاشقا ۋە كېيىنگە يول ئېلىپ قويۇشنى ئويلاشمىدى...

‹‹كادىرلارغا نىسبەتەن، بىز ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاڭلىق بوي سۇنۇشنى تەكىتلەيمىز، لېكىن تەشكىلىي جەھەتتە ھەربىر كادىرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چىن دىلىمىزدىن قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ئارمىيە قەلبىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشىمىز كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرنىڭ ئىسلاھاتنى ھىمايە قىلىش، قوللاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئارقا – ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىر ۋە بىرلەشمە مەشىقلەردە، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا، سىستېمىنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈمدە قوماندانلىق قىلىش، زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۈنسېرى روشەنلەشتى. خۇددى كاربون ئاتوملىرى قايتا بىرىككەندە گىرافىتنى ئالماسقا ئايلاندۇرغىلى بولغىنىدەك، بۈگۈنكى خەلق ئارمىيەسىمۇ بىرلىشىش ۋە پارچىلىنىش ئارقىلىق قايتىدىن تەشكىللىنىپ، قانات كېرىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدى.

زېھنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، غەلىبە قازىنىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىلدى

‹‹جەڭ قىلغىلى بولغان ئىكەن، جەڭ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، جەڭ قىلىش تەييارلىقى پۈتكەندە جەڭ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، قانچە جەڭ قىلالمىغانسېرى شۇنچە بوزەك بولىدۇ، مانا بۇ جەڭ ۋە تىنچلىقنىڭ دىيالېكتىكىسى››.

شى جىنپىڭ

.7 ئۆتكۈر قىلىچ

2016 – يىلى 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت بىلوگىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە سۈرەت ئېلان قىلىندى

يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا – يىراق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان 6K بىلەن خۇاڭيەنداۋ ئارىلى قوشۇلۇپ تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت. تورداشلار سۈرەتنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.

دۇڭخەي دېڭىزىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنى ئايرىش، دىياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، نەنخەي دېڭىزىنى دائىملىق كۈرەشچى پاراخوتتا چارلاش ... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى.

 نەزەر سالساڭ بىلىنەر جاھان شۇنچىلىك كەڭرى، ئايان بولغاندا ئالدىڭدا ئۆزۈڭنى تەمكىن سەزگىن.

 تەمكىنلىكنىڭ ئارقىسىدا خەلق ئارمىيەسى ئومۇمىي كۈچىنىڭ ئېشىشى بار. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يادروسى جەڭدە غەلىبە قىلىشتۇر؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا جەڭگىۋارلىقنى كۈچەيتىشتۇر.

 ‹‹مەن پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرالامدۇ؟ جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنالامدۇ؟ جەڭدە غەلىبە قىلالامدۇ؟ ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار ئەسكەرلىرىنى باشلاپ جەڭگە ئاتلىنالامدۇ؟ جەڭگە قوماندانلىق قىلالامدۇ؟ دېگەننى ئەڭ كۆپ ئويلايمەن››. رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى كۈنى بۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى مەسىلىسىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جەڭ قىلىش توغرىسىدا ئويلىشىشنى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەييارلىق قىلىشنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ كەلدى. پۈتۈن ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە ھەربىي ئىشلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىمنىڭ ئۇچۇرلاشقان قىسمەن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىشىغا تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقاندا، زېھنىنى جەڭدە غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپ ئۆزگەرتىپ قايتىدىن تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ زامانىۋى ئارقا سەپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى؛ پۈتۈن ئارمىيە جابدۇق خىزمىتى يىغىنىدا بۇرچنى ئىجرا قىلىش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جابدۇق سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ماددىي تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنى، ھاۋا ئارمىيەسى ئورگىنى، قوراللىق ساقچى قىسىم، جەنۇبىي قىسىم جەڭ رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئورگىنى كۆزدىن كەچۈرۈلدى ... ھەر قېتىم قىسىمىغا بارغاندا جەڭگىۋارلىق ئەھۋالىنى ئەستايىدىل سورىدى. قىسىمدىكى جەڭ قىلىش دىجورنىلىق ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، مۇھىم مانېۋىر لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى، نۇقتىلارنى تاللاپ قىسىمغا تۈرتكە بولدى ... رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيەنى ئۆزى بىر قوللۇق چىڭ تۇتتى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بۇنىڭدىن قاتتىق ئىلھاملاندى، قىسىمدا جەڭ ماھارىتىگە پىششىق بولۇش، كۈچنى ئاشۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.

 ئومۇمىي پىروگرامما تۇرغۇزۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنى تۈزۈپ چىقىلدى

 دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، ئىستراتېگىيە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى يېڭى تەلىپىنى مەۋقە قىلىپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىش ۋە جەڭنى توختىتىش، ھەيۋە قىلىش ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش، جەڭ ھەرىكىتى ۋە تىنچلىق دەۋرىدىكى ھەربىي كۈچلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراپ ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى تۈزۈشكە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، يېڭى تارىخىي دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلاردا كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئۇچۇرلاشقان قىسمەن جەڭدە غەلىبە قىلىشقا قارىتىپ، دېڭىز ھەربىي ئىشلار كۈرىشى ۋە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي ئىشلار كۈرىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشنى مىزان ۋە نىشانغا ئىگە قىلدى.

 2015 – يىل 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ‹‹جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى›› دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەنلىكى، ئاشكارىلىقلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

 ئۆلچەم ئېنىق تۇرغۇزۇلۇپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ كوردىناتى توغرىلاندى

 ‹‹جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بىردىن بىر تۈپ ئۆلچەمنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇش قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش قىلىش، تەييارلىقنى تۇتۇش كېرەك››، بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيەگە چۈشۈرگەن پەرمانى. بىر ‹‹بىردىنبىر››، بىر ‹‹تۈپ››، ۋەزىنلىك ئېيتىلغان بۇ قوش مەنىلىك ئېنىقلىغۇچىلار پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ، ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتى قانۇنىيىتىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى دېگەن نېمە، جەڭگىۋارلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قاراش كېرەك، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى قانداق قىلىش كېرەك ... بىر مەيدان داغدۇغىلىق ‹‹جەڭگىۋارلىق توغرىسىدا مۇھاكىمە›› پۈتۈن ئارمىيەنى قاپلىدى، بۇ يۇقىرىدا ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىنى، تۆۋەندە ئادەتتىكى ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دائىرىسى كەڭ، كۈچى زور، تەسىرى چوڭقۇر، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز ئۇچرايدىغان، ‹‹ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئۆلچەم مەسىلىسى مۇھاكىمىسى›› دەپ ئاتالدى. پۈتۈن ئارمىيە يۇقىرى تۆۋەن جەڭگىۋارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىش تەدبىرىنى ئورتاق تۈزۈپ، ‹‹پۈتۈن زېھنىمىزنى جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جەڭ قىلىشقا قارىتايلى››دىن ئىبارەت يۆنىلىش تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى.

 ھەقىقىي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي جەڭ مەشىقى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى

 جۇرىخې، ئەسلىدە ھېچكىم بىلمەيدىغان سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى بۇ كىچىك بازار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا – ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي جەڭ مەشىقى تۈپەيلى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ ياز ‹‹ھالقىش›› نامىدىكى ئەمەلىي قارشىلىشىش مەزمۇنىدىكى مانېۋىر بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، 19 بىرلەشمە لۈ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىن جەڭگە قاتناشقىلى كېلىپ، كەسپىي ‹‹كۆك ئارمىيە›› بىلەن تەكرار كەسكىن جەڭ قىلدى. ‹‹قىزىل تەرەپ ئالتە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، بىر قېتىم غەلىبە قىلدى!›› تۇنجى نۆۋەتلىك مانېۋىر نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى زىلزىلىگە كەلتۈردى.

 ‹‹ھەربىي ئىشلار مەشىقىدە نېمىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؟ مېنىڭچە ئەمەلىي جەڭنى چىڭ تۇتۇش كېرەك››، ‹‹جەڭنى قانداق قىلماقچى بولسا، ئەسكەرلەرنى شۇنداق تەربىيەلەپ، ھەربىي ئىشلار مەشىقىدە ئەمەلىي جەڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك›› ... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىلىرى ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، پۈتۈن ئارمىيەدە ھەرقايسى ئارمىيە، قىسىملار قاتناشقان، رايون ئاتلىغان بازا خاراكتېرىدىكى مەشىقتىن 200 نەچچە مەيدان، بىرلەشمە مەخسۇس مەشىقتىن 100 نەچچە مەيدان، ئارمىيە – ئەسكەر تۈرى بىر – بىرىنى شەرت قىلغان مەشىقتىن 100 مەيدانغا يېقىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەشىق مەيدانىغا قارايدىغان بولساق، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ فىلوتى شەرقىي تىنچ ئوكياندا سەپراس تۇرۇپ، مانېۋىرغا قاتناشقان ھەربىي كۈچى ئەڭ كۆپ، مەشىق ئامىلى ئەڭ تولۇق، مۇداپىئە سېپىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇشتەك بىر نەچچە جەھەتتە رېكورت ياراتتى؛ ھاۋا ئارمىيەسى دەسلەپكى قەدەمدە ‹‹قىزىل شەمشەر››، ‹‹سىستېما قارشىلىشىش››، ‹‹كۆك قالقان›› ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش، ‹‹ئالتۇن ساۋۇت›› ناملىق ئەركىن ھاۋا ئۇرۇشى، ‹‹ئالتۇن ئۇچار نەيزە›› تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت تۆت ئەمەلىي جەڭلەشكەن كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى يېتەكچى قىلغان مەشىق قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ راكېتا ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىدىكى بارلىق تىپتىكى راكېتانى ئارقا – ئارقىدىن ئېتىش، پۈتۈن لۈ باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچى ئارقىلىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەپ، ئىستراتېگىيە ھەيۋىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇردى؛ ئۇچۇرلاشقان شارائىتتا بىرلەشمە مانېۋىر ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىش ‹‹بارلىق سىستېما، بارلىق ئامىل قاتنىشىش، ئىستراتېگىيەلىك جەڭگىۋارلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تولۇق ئۆلچەملىك سىفىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش›› گەۋدىلىك نامايان قىلىندى...

 2016 – يىلى 6 – ئايدا ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە ئەمەلىي جەڭگىۋارلىق ھەربىي ئىشلار مەشىق سۆھبەت يىغىنىدا مەشىق ئىستىلى، مانېۋىر ئىستىلى، سىناق ئىستىلىدىكى ئىللەتكە بىۋاسىتە زەربە بېرىلىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە قايتا سەپەرۋەر قىلىندى. يېرىم يىلدىن كېيىن، ‹‹ھەربىي مەشىق تۈزۈمى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ 28 مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش›› پۈتۈن ئارمىيەگە تارقىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلدى، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئورۇنلار ۋە مەسئۇل خادىملار بىر تەرەپ قىلىندى، بۇ 57 ئورۇن، 99 كادىرغا چېتىلدى.

 جاسارەتلىك بولۇپ، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، جەڭدە غەلىبە قازىنىدىغان كۈرەش روھى يېتىلدۈرۈلدى

 جەڭدە ئەزەلدىن رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپ قالىدۇ، كىم جۈرئەتلىك بولسا، شۇ جەڭدە غەلىبە قىلىدۇ، ئىنقىلابىي ھەربىيلەردە بىرىنچىدىن جاپادىن، ئىككىنچىدىن ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھ بولۇشى كېرەك.

 2015 – يىلى 1 – ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئەسلىدىكى 14 – جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇ قىسىمدىكى 19 ياشلىق ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ جيەنچۈەننىڭ جەڭ مەيدانىدا ئانىسىغا يازغان شېئىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنى ‹‹ۋەتەن ئۈچۈن قېنىدا جەڭ بايرىقىنى بويىغان›› جاسارەتلىك ھەربىي دەپ تەرىپلىدى.

 پۈتۈن ئارمىيە ‹‹كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر›› بويىچە، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ھەر قايسى قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلاشتۇرۇش مەشىقى ۋە كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپىلەرنى تەدرىجىي ئىجرا قىلىشتا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم چۆكمە كېمە بازىسى، راكېتا قىسىمىنىڭ مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمدە ‹‹دېڭىزدىن ئارزۇ ئىزدىگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاۋانگارت›› جاڭ چاۋ، ‹‹بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان سادىق قوغدىغۇچى›› جاڭ نەن، تىنچلىقنى قوغدىغۇچى ئىنقىلابىي قۇربان شېن لياڭلياڭ، لى لېي، ياڭ شۇپېڭ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قەھرىمان ليۇ جىڭتەي قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر تۈركۈم قەھرىمانلارغا ئوخشاش ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي ئەسكەرلەرگە خاس ئوت يۈرەك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك.

 مەشىققە چىداملىق، ئۇرۇشقا تەييار ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش مەشىق مەيدانىغا ئارقا – ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن غەلىبە خەۋىرى باش قومانداننىڭ قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلمىسىدىكى كەمچىللىكلەرنى چوڭقۇر كۆزىتىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.

 مىڭ لەشكەرنى تاپماق ئاسان، بىر سەركەردىنى تېپىش قىيىن. 2016 – يىل 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇچىسىغا ئالا – بۇلىماچ كىيىم كىيىپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پۈتۈن ئارمىيەدىن ئادەتتىكىدىنمۇ ياخشى چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلغۇچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇشنى، جەڭدە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ يەنە، جەڭ قىلىشنى خالايدىغان، جەڭ قىلىشنى كۆزلەيدىغان، جەڭ قىلالايدىغان كادىرلارنى ئىشلىتىش، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۈشكۈل، مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللارنىڭ تەرجىمىھالىغا قارايدىغان بولساق، ئەمەلىي ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، بىرلەشمە مانېۋىر ۋە بىرلەشمە مەشىققە قوماندانلىق قىلغان، كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان... بىر قاتار ‹‹ يۇقىرى باھالىق سۆزلەر›› روشەن يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، غەلىبە قىلىش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان جەڭگە ماھىر تىپتىكى قوماندانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

8.ھالقىش

 پايتەخت بېيجىڭدا مېترو ئالدىراش قاتنىماقتا. كىشىلەر ‹‹3 – سېنتەبىر›› غەلىبە كۈنى ھەربىي پاراتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئالدىغا كېلىپ، ھەربىي پاراتنى ھاياجان بىلەن كۆرۈۋاتاتتى.

 شۇ قېتىملىق ھەربىي پاراتتا خەلق ئارمىيەسىنىڭ قورال – جابدۇقلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمىنى تولۇق دەلىللەپ بەردى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا نۇقتىلىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىشنى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن››دا ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك پەن – تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

 يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ نېمە دېگەن ۋەزىنلىك سۆزلەر – ھە!

 بۇلتۇر 1 – ئايدا يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان ھەربىي كومىتېتنىڭ 15 فۇنكسىيەلىك تارمىقى بارلىققا كەلدى. ئەستايىدىل كىشىلەر ئىلگىرىكى قورال – جابدۇق، پەن – تېخنىكىدىن ئىبارەت ‹‹ئىككى بىرلەشتۈرۈلگەن›› ئەندىزە بۇزۇپ تاشلىنىپ، ھەربىي كومىتېت قورال – جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمى تەڭشەپ تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇش بىلەن بىللە، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھەربىي كومىتېت پەن – تېخنىكا كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى.

 دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ھەربىي كومىتېت پەن – تېخنىكا كومىتېتىنى قۇرۇشتا، ئاساسلىقى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكا ساھەسىدە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

 يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك.

 ‹‹زور كۈچ سەرپ قىلىپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، ئىلمىي باشقۇرۇشنى تۇتۇش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشنى تۇتۇش، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ تۈرتكە بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭىچە ئۇرۇش قىلغۇچى كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، تور، ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق قورال – جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىش، زور تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە يېڭى ئۇقۇم تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال – جابدۇق خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇچۇر يېتەكچى قىلىنغان سىستېما قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ قورال – جابدۇق قۇرۇلۇشى ھالقىما تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ئايلاندى.

 پۈتۈن ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، دۇنيا ھەربىي پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇش ۋە بۇرچنى ئادا قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قورال – جابدۇق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئەلالاشتۇردى.

 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى چېن دېمىڭنىڭ ئىش – ئىزلىرى 2016 – يىلى 7 – ئايدا ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىلدى.

 بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جۇخەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى بىر ئەۋلاد كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى ‹‹قىرغۇچى 20››، ‹‹چوڭ تىرانسپورت ئايروپىلانى 20›› ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ بىر قېتىملىق ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان يېرىمدىن كۆپرەك قورال – جابدۇقلار يېڭى مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ.

 تورداشلار جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش سۈرئىتىنى ‹‹قازانغا تۈگۈر سېلىش››قا ئوخشاتتى. 2016 – يىلىدىلا ‹‹شاڭتەن›› ناملىق پاراخوت، ‹‹باۋدىڭ›› ناملىق پاراخوت، ‹‹خېزې›› ناملىق پاراخوت، ‹‹يىنچۈەن›› ناملىق پاراخوت قاتارلىق 20 نەچچە يېڭى تىپتىكى پاراخوت ئۇرۇش سېپىگە كىردى. 2017 – يىل 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى دۆلىتىمىز ئىككىنچى ئاۋىياماتكىنى سۇغا چۈشۈردى، بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت خوشاللىققا چۆمدى.

 ھاۋادىن ھاۋاغا، ھاۋادىن يەرگە، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن تارتىپ، ئىلغار ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغىچە؛ يېڭى بىر ئەۋلاد قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىدىن يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىغىچە؛ قوماندانلىقنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى، تاكتىكا يۇمشاق ماتېرىيالىغىچە... بەش يىلدىن بۇيان ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم قورال – جابدۇقلار ھەربىي قىسىملارنىڭ قورال – جابدۇقلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

 ‹‹بىز يەنە كۆرۈشتۇق!›› رەئىس شى جىنپىڭ 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئارمىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ما ۋېيمىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنىدا، ما ۋېيمىڭ يېتەكچىلىك قىلغان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى مۇكاپاتلىغانىدى.

 يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چاسا سېپىنىڭ بىرىكىش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2016 – يىلىغىچە، ئارمىيەدىن 31 كىشىگە ‹‹گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس›› دېگەن نام بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 كىشى ئاكادېمىك بولۇپ يېتىشتى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنى دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇش كېرەك.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹يادرولۇق تېخنىكىنى باشقىلاردىن تىلىسەك بولمايدۇ، جەزمەن ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك›› دېگەن مەردانە سۆزى ھەربىي پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا تېخىمۇ قەتئىي ئىرادىگە كېلىشى، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىشىگە مەدەت بولدى.

 بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەيلى

 ‹‹جەنۇب شامىلى ئىللىتار قىشنى، كەلدىم دۇڭخەيگە باغلاپ رىشتىمنى. تېپىلماس پۇرسەتتە ئۆتكۈزدۇق بايرام، سۆيىمەن خەلقىمنى ھەم ئارمىيەمنى››.

شى جىنپىڭ

 9. رىشتە باغلاش

 ۋەتەن خەرىتىسىدىن كىشىلەر بۇ ئىككى قاراۋۇلخانىنى تەستە تاپالايدۇ:

 سەنجياۋشەن قاراۋۇلخانىسى، بۇ يەرنىڭ قىشى ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 50 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ؛ دۇڭجى قاراۋۇلخانىسى بەك يىراق، ھەر كۈنى سەھەر ۋەتەندە قۇياش تۇنجى بولۇپ شۇ يەردىن كۆتۈرۈلىدۇ.

 چېگرا ئۆتكىلى خەتەرلىك ھەم يىراق، بۇ باش قوماندان تەشۋىشلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2016 – يىل 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇڭجى قاراۋۇلخانىسىغا چىقىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى سورىدى، كۆزىتىش ئەھۋالىنى تىزىملاش دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

 داھىي بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ قەلبداشلىق مېھرىدىن ھەممەيلەن تەسىرلەندى، سەنجياۋشەن قاراۋۇلخانىسى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە شۇنچىلىك تونۇش. رەئىس شى جىنپىڭ 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى سوغۇق شامالغا قارىماي، 58 ئېگىز پەلەمپەينى بېسىپ قاراۋۇلخانىغا چىقتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئوخشاشلا ئىمزا قويۇپ، تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە پوستتا تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىمەن.

 ‹‹پارتىيەنىڭ يىلتىزى ئاساسىي قاتلامدا، ئارمىيەنىڭ يىلتىزىمۇ ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلام ئىشەنچلىك ئارمىيە بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ، ياش ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئىشەنچلىك بولسىلا، ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قامەتلىك گەۋدىسى بەش يىلدىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئارىسىدا پات – پات پەيدا بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا، ‹‹خەيكۇ›› ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى، ‹‹جىڭگاڭشەن›› ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئوخشاشلا پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش – توختاش كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئىمزا قويدى.

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى تۈزۈلدى ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشتىن سىرت، بېغىشلىما يېزىپ بەرمەسلىك تەلىپى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى مۇنداق دېدى: جەڭ مەيدانىدا ئىمزا قويۇش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، بۇنى مەن رەئىسنىڭ ئۆزىنى ئادەتتىكى ئەسكەر دەپ قاراپ، بىز بىلەن چارلاشقا چىقىشى، پوستتا تۇرۇشى، دەپ چۈشەندىم.

 ‹‹رەئىس شى جىنپىڭ بىز بىلەن بىللە!›› قىش كېتىپ ياز كەلدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر سانسىز تەپسىلاتلاردىن بۇ ‹‹پېشقەدەم ئەسكەر››نىڭ چىقىشقاقلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئالدىراش يۈرىدىغان ‹‹پېشقەدەم ئەسكەر››دىن روھنى ئۇرغۇتۇپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغان كۈچ ئالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ سىرتقا تەكشۈرۈشكە چىققاندا، قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋاقىت چىقارماي قويمايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى مەخسۇس يوقلايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە 11 ئاساسىي قاتلام كادىرى ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ‹‹قىزىل ئارمىيە تامىقى›› يېگەچ سەمىمىي پاراڭلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ سابىق 42 – جىتۈەنجۈن ئاساسىي قاتلام ليەندۈيىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مۇنچىخانىغا كىرىپ سۇنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلۇقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا: ‹‹جەڭچىلەر مەشىقتىن كېيىن راھەتلىنىپ مۇنچىغا چۈشۈۋالسا نېمە دېگەن ياخشى!›› دېدى. ‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە تۈەنى››دە، ئۇچقۇچى جاڭ شاڭنيەننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن، دەپ توي مۇراسىمىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ توي مۇراسىمىنى تولۇقلاپ ئۆتكۈزۈشنى ئالاھىدە تاپىلىدى. ئۇ جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق مەركىزىدە ‹‹ئەرش ئوردىسى 2››دە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگىنى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كىبىرنى تاشلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا مەدەت بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئەسكەر بولغانلارنىڭ ليەندە تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە بىۋاسىتە قاراپ چىقتى، كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، قايتا – قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەسكەر بولغاندىكىن چىن ئەسكەر بولۇش، ليەندە تۇرغاندىكىن ھەقىقىي تۇرۇش كېرەك، ئەسكەرلىككە قىيالمايدىغان بولۇش، ليەندە تۇرۇپ ياخشى ئىستىل تىكلەش كېرەك››. ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: ھازىر كادىرلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق، سەبداشلىق مېھرىمىز تېخىمۇ قويۇقلاشتى، قىسىم ئائىلىمىزگە ئوخشايدۇ، ھەممىمىز تولۇق بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا چۆمدۇق.

 شىزاڭ ھەربىي رايونىدىكى 4500 مېتىردىن ئېگىز قاراۋۇلخانىلارنىڭ ھەممىسىدە ‹‹قۇياش نۇرى ئىسسىق ئۆيى›› قۇرۇلغان؛ پۈتۈن ئارمىيەدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە تۇرىدىغان ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر كارىۋات بېشىدىلا ئوكسىگېن سۈمۈرەلەيدۇ؛ 4G سىگنالى نەنشا ئاراللىرىنى قاپلىغان، يۇڭشۇ ئارىلىدا 2 – دەرىجىلىك A دوختۇرخانا تەسىس قىلىندى؛ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى يىراق ۋە جاپالىق رايوندىكى قىسىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە سەپلەپ بېرىلدى... ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ تەقەززاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، زور كۈچ چىقىرىپ ئىنكاس مەركەزلەشكەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى.

 ئەسكەرلەرگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەدەت بېرىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىزمەتنىڭ مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇش دېگەن كۆرسەتمە تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە تەشكىلاتىنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇرۇش ھازىرلىقى، مەشىقلەندۈرۈشنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئوفىتسېر – ئەسكەر سوبيېكتىنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئاساسىي قاتلامدا مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈردى. زور مانېۋىر، مەشىقتىن تارتىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشقىچە، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن تارتىپ چېگرادا مىنا تازىلاشقىچە... پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر تەدرىجىي كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپە جەڭگاھىدا باشتىن – ئاخىر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خەتەردىن قورقماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولغۇدەك جاۋاب بەردى.

 10. كۈچنى مۇجەسسەملەش

 ‹‹ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ مەڭگۈ بارلىق قىيىنچىلىق، توسالغۇلارنى يېڭىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر››. رەئىس شى جىنپىڭ مەيلى يەرلىكتە ياكى مەركەزدە خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ پولات سېپىل ھاسىل قىلىشقا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

1999 – يىلى ئەتىيازدا، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ بىرنەچچە تارماقنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ نەق مەيداندا ئىش بېجىردى، 18 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، فۇجيەن زاپاس زەمبىرەك شىسى ئوفىتسېرلار مەشىق مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

 2014 – يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ فۇجيەندە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، ئوخشىمىغان ئىش ئورنىدىن كەلگەن ‹‹ئىككىنى ھىمايە قىلىش››تىكى 11 ۋەكىلنى بۇ شىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

 ‹‹ئارمىيە بىلەن ئارىمىزدا بۇزۇلماس مۇناسىۋەت بار، ئارمىيەگە رىشتىم چوڭقۇر باغلانغان››. رەئىس شى جىنپىڭ بىرنەچچە قېتىم يۇقىرىقى يۈرەك سۆزىنى قىلدى. 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە 2014 – يىللىق ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغاندا تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: سىلەر كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈندۈڭلار، چۈنكى مەنمۇ ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقان كادىر.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى بىلەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، ئارمىيە ئىسلاھاتى مەزگىلىدە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق 60 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت، بەلگىلىمىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزدى، جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ 320 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك تۈزۈم تۈزۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئۇدۇللاشقان سىياسەت، نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

 ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ.

 2016 – يىلى كۈزدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بىرونېۋىكلاشقان قىسىم قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىغا كىرىپ – چىقىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەيتتى، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمى، ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇم ۋە مودېللار ئالدىغا كەلگەندە توختاپ تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

 ‹‹ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ئوبدان قىلىش كېرەك››. رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى بېيىتىپ ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ بىردەك ئىلگىرىلەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2015 – يىلى 3 – ئايدا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەت قاتلىمىدىن چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 2016 – يىلى 7 – ئايدا ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۇنجى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

 ئارمىيە ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇق تەلىپىگە ئاساسەن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئارمىيە بىلەن جايلار ماسلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت يېتەكچى بولۇش، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، بازارنىڭ ئايلىنىشىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىستېمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىپسىلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەت – تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. ھازىر دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسى سانائىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئارمىيە كاپالىتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە بىرلەشتۈرۈش تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دېڭىز – ئوكيان، ئالەم، تور بوشلۇقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە بىرلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ پۈتۈن ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە.

 بۇلتۇر 7 – ئايدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال – جابدۇقلار ئالدىن تەتقىقات تۈرى بولغان كومپاس ئۇچۇرى تۇنجى قېتىم توردا مەركەزلىك ئېلان قىلىنىپ، بوسۇغىسى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ، جەمئىيەتتىكى سۈپەتلىك بايلىقلار قورال – جابدۇق پەن – تەتقىقات ساھەسىگە جەلپ قىلىندى. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكلىشى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلاردىن كەلگەن جەڭگىۋار قوشۇن قورال – جابدۇق تەتقىقاتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. ئارمىيە بىلەن جايلاردىكى ئالاقىدار كارخانىلار ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، توپلىشىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇشى تېزلىتىلدى. ‹‹سامانيولى 2 ›› دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، ‹‹سۇ ئەجدىھاسى›› ناملىق ئادەملىك چۆككۈچ، ‹‹ئەرش ئوردىسى 2››، ‹‹بوشلۇق تەجرىبىخانىسى C919›› چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتكە بەخت ياراتماقتا.

 تارىخ مۇساپىلەرنىڭ بىر – بىرلەپ ئۇلىنىشىدىن كەلگەن.

 رەئىس ماۋ زېدۇڭ 68 يىل ئىلگىرى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغانىدى.

 68 يىلدىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەك، بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ماڭالايمىز.

 مۇساپە يىراق، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك چىڭ.

 يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلدۇق؛ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلەندۇق، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى بىزنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى››دەك ئىرادە بىلەن پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشايلى!

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ساۋ جى، لى شۈەنلياڭ، ۋاڭ جىڭگو، ‹‹ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى›› مۇخبىرلىرى ئۇۋ شەن، ماۋ جۈن، سەي پېڭچېڭ، ياڭ زۇرۇڭ، چيەن زۇڭياڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار