UYNTV

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-07-2017 18:12

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بەرگەن مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بەرگەن مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى ھەم قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا بەرگەن مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، ئىدىيەسى تىرەن، مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. سۆزدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر سىستېمىلىق يەكۈنلەنگەن، شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى تۈپ تەپەككۇر ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ، بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى ئىلمىي يېتەكچى ۋە مۇھىم قوللانما. بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىڭنىڭ سۆزىدە يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتىكى كۈچلۈك يېتەكچى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ‹‹بەشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇش›› مۇھىم پىرىنسىپىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئالتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش››تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى باشتىن – ئاخىر زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئالتىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 بىرىنچى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىش، ھەم مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ پۇختا جەڭ قىلىش، ھەم ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش، ھەم ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش، ھەم كەلگۈسىنى كۆزلەش ئەبەدىي ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سالىدۇ.

 ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە قارىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، مىننىڭ بازىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلىك ئىشلىتىپ، مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، يېزا – بازارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك.

 تۆتىنچى، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەر سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە پائال جەلپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 بەشىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇلنى پۇختىلاش قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 100 مىڭ كىشىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تەشكىللىك ھالدا ياخشى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 ئالتىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تېخنىكا، ماھارەت، ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسىپلەرنى تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يەتتىنچى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆز ئېھتىياجىمىزنى كۆزلەپ، ئالاقىلىشىش جەھەتتىكى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللىك ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ياخشى قوغداپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ياخشى خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

 سەككىزىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يوللىرى ئارقىلىق سۇپا بەرپا قىلىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، خادىملار ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 توققۇزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

 ئونىنچى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلەر، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنىڭ ئەستايىدىللىقىنى ياخشى قوغداپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ياخشى ئىجرا قىلىش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ مەبلەغ، تۈرلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە نەتىجە – ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ ‹‹قوماندانلىق تايىقى››لىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار