UYNTV

ئاممىۋى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-07-2017 18:14

A-A+

 جۇ خەيلۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى يوقلاپ ھال سورىغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

ئاممىۋى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە زەمىن يېزىسىنىڭ مۇسۇما قۇتچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

 جۇ خەيلۇن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇھىتىنى، بولۇپمۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى توغرىسىدا پىكىرلەشتى. جۇ خەيلۇن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنتنىڭ ئەھۋالى، قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كېچە – كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، كونكرېت، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ئىشلارنى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

 جۇ خەيلۇن مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار زىممىسىدىكى بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. يېقىندىلا ئېچىلغان 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.

 جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش جېڭى، ئاممىۋى خىزمەت، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى ياخشى قىلىش، چېگرادا مۇداپىئە كۆرۈش – تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش تەلىپى بويىچە، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئاممىۋى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۈرلۈك سىياسەت، كۈچ، بايلىقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە توپلانغانلىقىدەك پايدىلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىيلىك بىلەن ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. كەمتەر بولۇپ، ئامما بىلەن سىردىشىپ ۋە يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بەنزىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەترەتنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەستايىدىل ئىشلەش ئىستىلى ئارقىلىق مەركەزنىڭ تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.