UYNTV

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 13-07-2017 18:18

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 13–قېتىملىق مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىشىنى تەشكىللىدى

 يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىللىق 13 – قېتىملىق ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى، مەملىكەتلىك مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەر ئارىسىدا ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىشى كېرەك. يىغىننىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى، يىغىن تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى تېزدىن مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈشى كېرەك. ئىككىنچى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتگۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. تۆتىنچى، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە ۋە قىيىن باسقۇچقا كىردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تارماقلار يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، ئادىل سودا قىلىش شارائىتى يارىتىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىدىغان ئىشلارنى بېجىرىشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹بەش نۇقتا››نى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي پوزىتسىيە، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يىغىننىڭ تۈرلۈك تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، قولاي، ئادىل بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىدا ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.