UYNTV

شىنجاڭلىق ماھىرلار مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچتى

تەھرىر : 艾斯凯尔·艾尼万 | كېلىش مەنبەسى : مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 27-07-2017 19:58

A-A+

شىنجاڭلىق ماھىرلار مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىدە زەپەر قۇچتى

 (زىيارەت خاتىرىسى)

 ئۆز مۇخبىرىمىز ئەسقەرجان ئەنۋەر

 .

    ئامېرىكا سىجىل تەرەققىيات مەركىزى، ئامېرىكا مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكا قۇياش نۇرى پاي كونترول گۇرۇھى، دوڭفاڭ خەلقئارا مائارىپ ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئورۇنلار بىلەن جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە تەسىس قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئادىل، ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى سۇپا ھازىرلىغان  جۇڭگو «ياخشى ئوقۇغۇچى» ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىنىڭ 2017 – يىللىق مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 24 – ئىيۇلدىن 25 – ئىيۇلغىچە بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە مەملىكىتىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭشى، سىچۈەن ، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، خېيلوڭجياڭ، خېنەن، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 30 مۇسابىقە رايونىدىن تاللىنىپ كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشتى. ماھىرلار دۇنياغا داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ باھالاش ئۆمىكىنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنىڭ بىلىم - ماھارىتىنى ۋە ئومۇمىي ساپاسىنى نامايان قىلدى. مۇسابىقىدە ئامېرىكىدىكى ئون مۇنەۋۋەر قىزلار ئىنستىتۇتىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا ئىسۋېت بېر» قىزلار ئىنستىتۇتى (SBC)، ئامېرىكا دۆلەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەركىزى (NCSD)، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت ۋە ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تەتقىقات يۇرتى (EEMI) قاتارلىق ئون نەچچە خەلقئارالىق داڭلىق مەكتەپتىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق باھالاش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى ماھىرلار بىلەن يۈز تۇرانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماھىرلارنى يۇقىرى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە خەلقئارالىق ساياھەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئالدى.

.

    بۇ قېتىملىق مۇسابىقە يەسلى بالىلىرى گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقلار گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ يۇقىرى يىللىقلار گۇرۇپپىسى، تۇلۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە ئالىي مەكتەپ گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئالتە گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە 20 دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھالدا چېمپىيونلۇققا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بويىچە 2 – لىككە ئېرىشتى. مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسابىقىسىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان بېيجىڭA.B.U  مائارىپ پەن - تېخنىكا مەركىزى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپات تەشكىلىي كومىتېتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا نەق مەيداندىلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان يۇقىرى ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە تارقىتىلغان جەمئىي مۇكاپاتنىڭ تەخمىنەن %30 نى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن زور شەرەپ كەلتۈردى. مۇسابىقە باھالىغۇچىلىرى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىغا، ئۇنىۋېرسال بىلىمىنىڭ موللىقىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 .

    بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى تەشكىللىگۈچىسى، بېيجىڭA.B.U  مائارىپ پەن - تېخنىكا مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەت ئەپەندى مۇسابىقە ھەققىدە مۇنداق دېدى:

ـــ بۇ مۇسابىقە 2016 – يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەن بۇلتۇرقى مۇسابىقىگە باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغانىدىم، قارىسام، ئۇ مۇسابىقىگە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىمۇ قاتناشماپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ھەمدە دەرھال مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتىدىكىلەرگە ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش ئويۇمنى ئېيتتىم، ئۇلارنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق مەن بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردۈم. تىرىشچانلىقىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتۇق. شىنجاڭلىق ماھىرلار بۇ قېتىم مۇسابىقىدە ئۇسسۇل ئويناش، ئىنگلىزچە ناخشا ئېيتىش قاتارلىق باشقا ماھارەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ، مۇسابىقە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى تەمىنلەشكە، بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدا تېخىمۇ ياخشى كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشقا تىرىشىمەن.

 .

     سانجى شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىلزات ئابدۇرېشىت بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مۇسابىقە بۆلىكىدە چېمپىيون بولۇپ، 136 مىڭ يۈەن قىممىتىكى شىمالىي قۇتۇپنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭلىق ماھىرلار ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەرمۇ، تېببىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ھەسەنجان ئەنۋەر دەل شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2 – قارماق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى. ئۇ 2016 – يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق تېببىي پەن كەسپىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆگىنىشنى توختاتمىغان. ئۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

     بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ماھىر ئەرەپات نىياز بولسا شېنجېندا ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ قېتىم شېنجېندىن بىۋاسىتە بېيجىڭغا كەلگەن. ئۇ ئالدىنقى قېتىم جۇڭگو «ياخشى ئوقۇغۇچى» ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىنىڭ  شىنجاڭدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

     غۇلجا شەھەرلىك 7 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىرە ئابدۇسالام مۇنداق دېدى:

   ـــ مەن بۇ يىل 15 ياشقا كىردىم. مەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىش داۋامىدا ئەتراپىمدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا بەسلىشىپ ئۆگەنمەستىن، پۈتكۈل مەملىكەت، ھەتتا دۇنيادىكى بالىلار بىلەن بىر قاتاردا بەسلىشىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ خىل مۇسابىقىلەر بولسا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي قاتنىشىشقا تىرىشىمەن.

    بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە تۇمشۇق شەھىرى 51-تۈەندىن 71 ياشلىق دېھقان بوۋاي ئېلى ناسىرمۇ ئالاھىدە كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:

   ـــ مەن ھازىرغىچە پايتەختىمىز بېيجىڭغا كېلىپ باقمىغان، بىراق مەندە ئۇزاقتىن بۇيان بېيجىڭغا كېلىپ تيەنئەنمېن مەيدانى، ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيى، سەددىچىن سېپىلى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ كېتىش ئارزۇسى بار ئىدى. بۇ قېتىم 17 ياشلىق نەۋرەمنىڭ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئوغلۇمغا ئۆزۈمنىڭ بېيجىڭنى كۆرگەچ، نەۋرەمگە ئىلھام بېرىش ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم، ئوغلۇم خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ بېيجىڭنى كۆرۈش ئارزۇيۇم ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى. مەن پايتەختىمىز بېيجىڭغا كېلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەمدە دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مۇسابىقىنى كۆرۈپ «ئەگەر مەن ھازىر ياش بولغان بولسام، ئىنگلىز تىلىنى چوقۇم ئۆگىنەركەنمەن» دېگەن ئارزۇدا بولدۇم، ئەمما بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن بۇ ئارزۇيۇمنى بالا – چاقا، نەۋرىلىرىمگە قالدۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە دۆلەت تىلىمىز خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىمەن.

     مۇخبىردىن سۆز: شىنجاڭلىق ماھىرلار بۇ قېتىم بېيجىڭغا كېلىپ، جۇڭگو «ياخشى ئوقۇغۇچى» ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق مەملىكەتلىك سەھنىدە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مارشىنى ياڭراتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى پايتەختىمىز بېيجىڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بولۇپ، تۇنجى كېلىشىدىلا، خەلقئارا دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشىش ئۇلارنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. مۇسابىقە نەتىجىسىمۇ ھەممەيلەننى رازى قىلدى، 30 مۇسابىقە رايونى ئىچىدە ئومۇمىي مۇكاپاتنىڭ %30 نى قولغا كەلتۈرۈش بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر شەرەپ، كېيىنكى قېتىملاردا مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقچى بولغان شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن زور ئىلھامدۇر. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ مەملىكەت ھەم خەلقئارانىڭ چوڭ سەھنىلىرىدە چاقناپ، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچۈن شان – شەرەپلەرنى قۇچىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار