UYNTV

باش نىشاننى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولىمىز

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-08-2017 13:22

A-A+

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى

 يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى، ئوچۇق خەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسيە بىلدۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى:

 دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

 ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى 8–ئاينىڭ 8–كۈنى چۈشتىن كېيىن ساياھەت كەسپىدىكىلەرنى تەشكىللەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى ئورگىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھەتچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىلىرى، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى سىستېمىسى ئارقىلىق شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ياڭ شىنمىن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپىدىكى كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە بىر پارچە خەت››نى ئوقۇپ ئۆتتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر گۈلى ئابلېلىم قاتارلىق يەتتە ۋەكىل دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسيە بىلدۈرۈش بويىچە سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق پاش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ خۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى داۋاملىق كۈچەپ، كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ساياھەتچىلىكنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە ئۇزارتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ساياھەت كەسپى تەشكىلاتلىرى، مەنزىرە رايونى، مېھمانساراي، ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق ساياھەت كارخانىلىرىنى، ساياھەت يېتەكچىلىرى، تىجارەتچىلىرى قاتارلىق ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي پۇرسەت بەرمەيمىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ھالقىلىق پەيتتە ۋە چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خاتا قاراش ۋە خاتا گەپ–سۆزلەرگە كەسكىن رەددىيە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قايتۇرما زەربە بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاڭلىق ھالدا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، باش نىشاننى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولىمىز.

 ئاقسۇ ۋىلايىتى:

 بىردەك ئەيىبلەپ، ئومۇمىي خەلق لەنەت ئوقۇيمىز

 ئاقسۇ ۋىلايىتى 8–ئاينىڭ 7–كۈنى ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىيات سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سەھنىدە، سەھنىدىن چۈشكەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر، ھەر مىللەت كادىرلاردىن تارتىپ ئاممىغىچە، ھەممەيلەننىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسيە بىلدۈرۈشنى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ھەممەيلەن تەڭ ئەيىبلەيدىغان، ئومۇمىي خەلق لەنەت ئوقۇيدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام روزى، ۋىلايەتلىك يېمەكلىك–دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شى خۇڭجۈن قاتارلىق يەتتە كىشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە سۆز قىلغاندا: بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، غايە–ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز! ئېتىقاد سادايىمىزنى ياڭرىتىپ، ‹‹ئېتىقاد شەمشىرى››نى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز! دېدى. ئۇلار بەس–بەستە مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

(مۇخبىرىمىز جيا چۈنشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ لۇ)