UYNTV

ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالىمىز

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-08-2017 13:21

A-A+

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

  مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت دىلنۇر ئەخمەتجان خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى 8–ئاينىڭ 7–كۈنى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتناشقانلار تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى ‹‹تەڭرىتاغ قەسىمى››نى كۆردى ھەم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، 14 ئورگان كادىرى ۋەكىل بولۇپ سەھنىگە چىقىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بويىچە سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما–تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پىداكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، ‹‹زەھەرلىك ئۆسمە››نى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىن ئايرىپ چىقىپ، قەتئىي يوقىتىشنى تەلەپ قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كامىل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سۆز ۋە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدە رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بارلىق ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمىز، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز بىلەن كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، خاتا ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسكارلىق جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ما شۈگو مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى كۈندىن–كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، تارىختىن بۇيانقى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ چوڭ بولغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش››، ئورتاق ئائىلىمىزنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشتىن –ئاخىر قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىدىيەۋى–سىياسىي قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، غايە–ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قەتئىي ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر كېڭەش سەنى مۇنداق دېدى: ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئويغىنىشى مەدەنىيەتنىڭ ئويغىنىشىدىن باشلىنىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەت خىزمەتچىسى ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، ‹‹پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش››، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› ئاساسىي تېمىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار