UYNTV

ئەدەبىيات – سەنئەت سېپىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەڭچىلىرىدىن بولايلى

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-08-2017 13:23

A-A+

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى مەمتىمىن مەمتىلى

 يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن–تۆۋەنگىچە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى! پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر، سەنئەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممەمگە ئېلىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن!

 مەن دېھقان بالىسى. كۆزنى يۇمۇپ–ئاچقۇچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك 1–دەرىجىلىك مۇزىكانت بولۇپ يېتىشىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن سەنئەتچىگە ئايلاندىم. ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپەمنى ئەسلىسەم، سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلىشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولمايتتى.

 ياش چاغلىرىمدا ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭغا تۇنجى قېتىم بېرىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا–ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى (ئەينى چاغدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلېتىتى)دا ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئۇچراشتىم ھەم ئۇلار بىلەن بىر كوللېكتىپ، بىر چوڭ ئائىلىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈردۇق. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسىگە ناھايىتى تېزلا سىڭىشىپ، ئۇلار بىلەن تاماق، ياتاق ۋە ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆزلىشىپ كەتكەنىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي جەھەتتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ تەدرىجىي يېتىلدىم. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تاللىنىپ، شەرەپ بىلەن خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. ئەينى چاغدا مەن بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇپ، مىللىي مۇزىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا مىللىي سەنئەتنى ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشقا ئىرادە باغلىغانىدىم.

 مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، پارتىيەنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، شىنجاڭدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنىڭ شاھىتى بولدۇم. تارىخ ۋە تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، ھازىرقى گۈللەنگەن تەرەققىيات تەستە قولغا كەلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت–سەنئىتى مىسلىسىز راۋاجلاندى ۋە گۈللەندى. شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە مەشرىپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ب د ت پەن–مائارىپ–مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە دۆلەت نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت سەنئەتچىسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى سالدى، سەنئەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىدى. مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكى، 19 قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرنىڭ خالىس ياردىمىدە بارلىققا كەلتۈرگەن زور ھالقىش ۋە تەرەققىياتنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

 تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغاندىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى! مۇقىملىق بولغاندىلا دۈشمەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدۇ؛ مۇقىملىق بولغاندىلا شىنجاڭنىڭ تىنچ–ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ۋە خەلقنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە جەزمەن باشتىن–ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئادەم تەربىيەلەش، تەسىر كۆرسىتىش رولىدىن پايدىلىنىپ، قەتئىي دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

 ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئاساسىي ئۇل تېشى. ھەممىمىز ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، سۆز ۋە ھەرىكىتىمىز، خىزمەت، تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ۋە ئىشلار ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلىشىمىز ھەم ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت پىرىنسىپال مەسىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زوراۋان–تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپلا قالماي، يەنە بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمىز كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىغۋا تاپماي، ئىغۋا تارقاتماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىش، ھەممەيلەن قەدىرلەش، ھەممەيلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.