UYNTV

جيۇزەيگۇدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

تەھرىر : ئالمىرە ئىسھاق | كېلىش مەنبەسى : خەلق تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى : 11-08-2017 14:00

A-A+

چ

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇسىت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەر دەرھال جىددىي سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، تېز ئىنكاس قايتۇردى، ھازىر يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندىكى دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا يەر تەۋرەشتە 19 كىشى قازا قىلغان، 263 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 10 كىشى ئېغىر يارىلانغان(ئۈچ كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك). چۇەنجۇسىدىن جيۇزەيگۇ تاشيولىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇزۇلغان يول بۆلەكلىرى، چۇەنجۇسىدىن تەۋرەش مەركىزى بوجا بازىرىغىچە بولغان قۇتقۇزۇش يوللىرى ئېچىلىپ، قۇتقۇزۇش كۈچلىرى جيۇخۇاڭ ئايرودۇرۇمىدىن تەۋرەش مەركىزىگىچە تەق بولدى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىق خەتەردىن قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ كېچىلەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

مۇناسىۋەتلىك ئولانمىلار

جيۇجەيگودىكى يەر تەۋرەشتە 20 كىشى قازا قىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ..08-11

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئ..08-10

مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ..08-09

شى جىنپىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 7بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسى..08-09

دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمى..08-08

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەم..08-07

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2 –تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپ..07-31

ئاپتونوم رايونلۇق 5 –نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتىغا ئاۋاز بېرىش خىزم..07-28

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئالدى بىلەن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىلانغانلا..07-28

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھى..07-28